كۆپ ئۇچرايدىغان دىنى ئاتالغۇلار
ئىسلام:
بويسۇنماق، ئىتائەت قىلماق دېگەن مەنىلەردە بولۇپ بۇ ھەق دىنىمىزنىڭ اللە تەرەپتىن قويۇلغان نامىدۇر. بۇ ھەقتە اللە تەئەلا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن : «ھەقىقەتەن اللە نىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام(دىنى)دۇر.» (سۈرە ئال ئىمران 19- ئايەت)
ئىمان:ئىشىنىش دېگەن مەنىدە بولۇپ اللە قا، اللە نىڭ پەرىشتىلىرىگە ، پەيغەمبەرلىرىگە، كىتابلىرىغا ، قىيامەت كۈنىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ۋە ياخشىلىق – يامانلىقنىڭ اللە نىڭ تەقدىرى بىلەن روياپقا چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئىمان دەپ ئاتىلىدۇ.
پەرز:بۇ بىر تۈرلۈك مەجبۇرلاش تۈسىنى ئالغان، قىلىش تەلەپ قىلىنغان، تەرك ئېتىشكە قەتئىي بولمايدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. پەرز قۇرئانى كەرىمنىڭ دەلىلى ئېنىق ئايەتلىرىدىن ئېلىنىدۇ. مەسىلەن؛ « ئى مۆمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى» (سۈرە بەقەر 183- ئايەت) پەرز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك، مۇتاۋاتىر (لىنيەسى) ئۈزۈلۈپ قالمىغان سەھىھ ھەدىسلەردىنمۇ ئېلىنىدۇ. مەسىلەن؛ نامازدىكى تەكبىر تەھرىمىگە ئوخشاش. «نامازنىڭ ئاچقۇچى تاھارەت ئۇنىڭ ھارام قىلغۇچىسى تەكبىر تەھرىمە ۋە ھالال قىلغۇچىسى سالامدۇر» دېگەن ھەدىس دەلىلدۇر. (بۇ ھەدىسنى شافىئىي ، ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد ، ئىبنى ماججە ۋە تىرمىزى قاتارلىق ھەدىس شۇناسلار توپلىغان)
پەرىزگە ئەمەل قىلغۇچى ساۋابقا ئېرىشىدۇ. تەرك ئەتكۈچى گۇناھكار بولىدۇ . ئىنكار قىلغۇچى دىندىن چىققان ھېسابلىنىدۇ .
ۋاجىپ:سەھىھ ھەدىسلەردىن ئېلىنغان ياكى ئايەتنىڭ ئىشارىتەن مەنىلىردىن ئېلىنغان ئەھكاملارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: نامازدا سۈرە فاتىھە نى قىرائەت قىلىشقا ئوخشاش. ۋاجىپنى تەرك ئەتكۈچى گۇناھكار بولىدۇ . ئەگەر ۋاجىپ ناماز ئىچىدە تەرك ئېتىلسە قايتا قىلىنىدۇ. ياكى سەجىدە سەھۋە قىلىنىدۇ. (ھازىرقى زامان پىقھى شۇناسلىرى ۋاجىپمۇ پەرزنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش دەپ قارىماقتا)
سۈننەت:يول، ئىش ھەرىكەت دېگەن مەنىدە، سۈننەت ئۇمۇمەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرى بولۇپ بۇنىڭغىمۇ قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە ئېنىق يول يورۇق بار، قۇرئانى كەرىمدىكى :« پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار،» (59- سۈرە ھەشىر 7- ئايەت) ھەدىستىكى : «مىنىڭ سۈننىتىمنى ۋە خۇلاپائى راشىدىنلارنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار ۋە شۇنىڭغا ئېسىلىڭلار.» (ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)
مۇستەھەپ:دىندا ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
مەكروھ :دىندا يامان كۆرۈلىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ مۇستەھەپنىڭ دەل ئەكسى. مەسىلەن: سول قولىدا تاماق يېيىشكە ئوخشاش.
مۇباھ:دىندا قىلىشقا رۇخسەت بېرىلگەن ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
جائىز:دىندا قىلسا بولىدۇ دەپ قارالغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
نەپلە: بۇ سۈننەت تىپىدىكى ئەمەللەر بولۇپ قىلسا ساۋاب بولدىغان قىلمىسا گۇناھ بولمايدىغان ئەمەللەرنى كۆرسىتىدۇ.
ھارام:قۇرئان كەرىمدە ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە ئېنىق چەكلەنگەن ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. ھارام ئىشلارنى قىلغۇچى گۇناھكار بولىدۇ ۋە تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ. ھالال دەپ قارىغۇچى دىندىن چىققان ھېسابلىنىدۇ .
ھالال:قۇرئانى كەرىمدە ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە قىلىشقا يەپ - ئىچىشكە رۇخسەت بېرىلگەن نەرسە ۋە ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. ھالال ۋە ھارامنىڭ تۈرىنى بېكىتىش پەقەت اللە قا ۋە اللە نىڭ پەيغەمبىرىگە خاسدۇر.
بىدئەت:دىندا ئورنى يوق ئىبادەت نامىدىكى ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. بىدئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى گۇناھكار بولىدۇ .