جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى : " نىشان يۇقىرى مۆلچەرلەنگەن ، بىراق نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا ، نىشانغا يىتىش ئۈچۈن يىراقتەك قىلاتتى " سۇرىيە خەلقئارالىق تېنچلىق يىغىنى 22- يانىۋار شۋىتسارىيەنىڭ كىچىك بىر شەھىرى بولغان موتىرىيالدا ئۆتكۈزۈلدى . ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىۋى كېررى يىغىنغا ئېنىق قىلىپ ، بەشىر . ئاساد سۇرىيە ۋاقىتلىق ھۈكۈمىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولماسلىقى كېرەك ، دىگەندىن كېيىن سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىسىتىرى مۇئەللىم دەرھال كۈچلۈك تەنقىد قىلىپ : سۇرىيە خەلقىدىن باشقا ، ھەر قانداق ئادەم بەشىرنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ھوقوقىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىكار قىلىش ھوقوقى يوق " دىدى . ئامېرىكا " ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى " نىڭ 22- يانىۋاردىكى خەۋىرىدە ، بۇ قېتىمقى يىغىن " شەكلى مەزموندىن چوڭ بولۇپ كەتكەن ، " 30 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر ھەممىسى ئۆزى بىلگەننى سۆزلەپ قۇيۇپ كېتىدىغان يىغىن بولدى " دەپ يازغان ؛
" ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇرۇشنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان سۇرىيە خەلقى ، بۈگۈنگە ئىنتايىن زور ئۈمىد باغلىغان ، ھەمدە بۇ يىغىن ئارقىلىق ئۇرۇشنىڭ بالدۇراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلغان " . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى باش كاتىۋى بان كىمون 22- يانىۋار ئېچىلىش مۇراسىمىدا مانا بۇ بىر ئېغىز سۆزنى قىلىپ توقۇنۇشنى بالدۇراق ئاخىرلاشتۇرۇپ ، تېنچ بولغان سۇرىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشقا دەۋەت قىلغان ؛ بىراق يىغىندا ھەر قايسى تەرەپلەر بىر - بىرىگە گەپ بېرىدىغاندەك ئەمەس ، ئامېرىكا سىملىق تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ 22- يانۋاردىكى خەۋەردە ، كېررى سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى :سۇرىيەنى چوڭقۇر ئۇرۇش پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويغان بەشىر . ئاساد سۇرىيە ۋاقىتلىق ھۈكۈمىتىنىڭ بىر قىسمى بولماسلىقى ، ھەربىي تەرەپ ئەمدى بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىشى كېرەك ، شۇنداق بولغاندىلا ، ئاندىن ھەربىي تەرەپ قانۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ " . كېررىنىڭ بۇ بايانى سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىسىتىرى مۇئەللىمنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى كەلتۈردى . مۇئەللىم مۇنداق دىدى :" كېررى ئەپەندىم ، سۇرىيە خەلقىدىن باشقا ھەر قانداق ئادەم سۇرىيەنىڭ تەقدىرىنى ۋە بەشىر ئاسادنىڭ زۇڭتۇڭ بولۇش بولماسلىقىنى بەلگىلەلمەيدۇ . بۇ سۇرىيە خەلقىنىڭ ھوقوقى ۋە مەسئولىيىتى ! " ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتىلىقىنىڭ خەۋىرىدە ، بان كىمون ھەر بىر ۋەكىلگە 10 مىنۇت سۆز قىلىش ۋاقتى بەرگەن بولسىمۇ بىراق مۇئەللىمنىڭ سۆز قىلغان ۋاقتى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن ، ھەمدە بان كىموننىڭ سۆز قىلىشنى توختىتىش تەلىۋىنى رەت قىلىپ سۆز قىلغان . مۇئەللىم غەزەپلىنىپ تۇرۇپ بان كىمونغا مۇنداق دىدى : سىز نيويۇركتا خاتىرجەم تۇرۇسىز ، مانا مەن سۇرىيەدە ، جەڭ قىلىۋاتقان سۇرىيە تۇرىمەن ، بىز مانا ئۈچ يىل ئۇرۇشنىڭ ئازابىنى تارتتۇق ، مېنىڭ بۇ سەھنىدە تۇرۇپ سۇرىيە ۋە سۇرىيە خەلقى ئۈچۈن يەنە بۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىت سۆزلىگىم بار !
بۇ قېتىمقى يىغىن يەر شارىدىكى 3500 دىن ئارتۇق مۇخبىرنى جەلىپ قىلدى . بۇيىغىنغا قاتناشقان مۇخبىر سانى مۆلچەرلىگەن ساندىن ئېشىپ كەتكەچكە ، ئاخبارات مەركىزى تورى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى . " يەر شارى ۋاقىت گېزىتى " مۇخبىرىنىڭ 22- يانۋار يىغىن مەيدانى كۆرگەن ئەھۋالنى بايان قىلىشىچە ، سۇرىيە ھۈكۈمىتى ۋەكىللىرى بىلەن سۇرىيە ئۆكتچىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئولتۇرغان ئورنى بىر قانچە مىتىر كىلىدىغان بولۇپ ، بۇ بىر مەيدان " رەقىبلەرنىڭ ئۇچرىشىشى " دەپ ئاتالدى ؛ ھەمدە ئۇلار بىر - بىرىگە غەزەپ بىلەن قارىشىپ ئولتۇراتتى ؛ ئىككى تەرەپنىڭ بايانى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ، بىر - بىرىگە يول قۇيىدىغاندەك ئەمەس . " ئاسىيلار " ، " بەشىر تەخىتتىن چۈشسۇن ! " قاتارلىق سۆزلەر بۇ يىغىندىكى كۆپ دىيىلگەن سۆزلەر بولۇپ قالدى . مۇئەللىم " ئاسىيلار "دەپ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان ئۆكتچىلەر ۋەكىلىنى تىللىدى . رىيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 22- يانىۋاردىكى خەۋىرىدە ، سۇرىيە ھۈكۈمىتى ۋە ئۆكتىچىلەر ۋەكىلى بۇ يىغىندا كەسكىن تاكالاشقان ، ئۇلار غەزەپلىنىش ئارقىلىق قارشى تەرەپكە ئاچچىقىنى بىلدۈردى . سۇرىيە ئۆكتچىلىرى ۋەكىلى جىبا مۇنداق دىدى ، بەشىرنىڭ " ئۇرۇش جىنايىتى " ئادەمگە ناتسىت گىرمانىيەنىڭ ئەينى چاغدىكى ئۇرۇش جىنايىتىنى ئەسلەتتى دىدى ، ئۇ يىغىندا ھۈكۈمەت تەرەپ ۋەكىللەر ئۈمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا ۋاقىتلىق ھۈكۈمەت قۇرۇش كىلىشىمناسىگە ئىمزا قۇيۇشنى تەلەپ قىلدى . بىراق سۇرىيە ھۈكۈمىتى ۋەكىلى بولغان سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىسىتىرى مۇئەللىم غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ( سەئودى ئەرەبىستان ) نىڭ ئۆكتىچىلەرنى قوللىغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ ، غەرب دۆلەتلىرى ئۇچۇق - ئاشكارە سۇرىيەدە تېرورچىلارنى قوللاۋاتىدۇ " دىدى . روسىيە دىپلوماتىيە مىنسىىتىرى راۋلوف 22- يانۋار سۆز قىلىپ مۇنداق دىدى ، روسىيە سىرتقى كۈچلەر يەنى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سۇرىيە خەلقىنىڭ ئورتاق تۇنۇشقا كىلىشىنى قوللاپ بېرىشىنى ، سۇرىيە ئۈچۈن سۇرىيە خەلقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىش پۇرسىتى بېرىشنى ئۈمىد قىلدى " . جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىسىتىرى ۋاڭ يى يىغىندا مۇنداق دىدى : سۇرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر سىياسى ئەڭ بىلەن سىياسىي قارار چىقىرىشىنى ، ھەمدە سىياسەتنىڭ چوڭ جەھەتتىن مەسىلە ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشنىشى كېرەكلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى " .
غەربتىكى بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرى يىغىنغا ياردىمى بولسۇن دىگەندە 21- يانىۋار بىر پارچە " سۇرىيە ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى خورلاپ ئۆلتۈرگەنلىكىدەك خەۋەرنى ئېلان قىلدى . ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ، بۇ دوكىلاتتا خەلقئارانىڭ ئۇرۇش قىلىش سوتىنىڭ ئۈچ نەپەر ئادۋۇكاتى تەييارلىغان ، 2011- يىلى 3- ئايدىن ، 2013- يىلى 8- ئايغىچە ، 11 مىڭ ئۇرۇش ئەسىرىنىڭ سۇرىيە ھۈكۈمىتى تەرىپىدىن " بىردەك قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن " دىيىلگەن . خەۋەردە دىيىلىشچە ، دوكىلاتتا بىر نەپەر ھەربىي ئىشلار ساقچى فوتوگرافى ، كود نۇمۇرى " قەيسەر " دەپ ئاتالغان بىرىنىڭ ئىلگىرى سۇرىيە ئۆكتىچىلەر گۇرۇھى ئۈچۈن مەخپىي خىزمەت قىلغان بولۇپ ، كېيىن چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن . " قەيسەر " ئۆز كۆزى بىلەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغان نەق مەيداننى كۆرۈپ باقمىغان ، بىراق تېخنىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق " ئوغرىلىقچە " سۇرىيەدىكى ئۇرۇش ئەسىرلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەنلىك سۈرەتنى قولغا چۈشۈرگەن .بۇنىڭغا قارىتا ، سۇرىيە ئەدلىيە مىنسىىتىرلىقى 22- يانۋار بۇ رەسىملەر " ئويدۇرۇلغان" دىدى ، روسىيە دىپلوماتىيە مىنسىتىرى راۋلوفمۇ غەرب تاراتقۇلىرى " ئاخبارات تەشۋىقات جېڭى " قىلىۋاتىدۇ دىدى . بۇنىڭدىن باشقا ، غەرب تاراتقۇلىرى سۇرىيە ھۈكۈمەت ۋەكىللىرى " قىلتاق " قۇردى دىدى .
20- يانىۋار ، فىرانسىيە سۇرىيە ھۈكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ چېگرادىن ئۈتۈشىنى چەكلىگەن . 21- يانىۋار ، ئايروپىلان ئارلىقتىكى بىكەت گېرتسىيە ئايرودورومىغا يىتىپ بارغاندىن كېيىن ، كۆپ دۆلەت ماي پونكىتى ھەممىسى ئايروپىلانغا ماي قاچىلاشنى رەت قىلغان . تەخمىنەن ئۈچ سائەت تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ئاندىن ، ئايروپىلان شۋتسارىيەگە يىتىپ بارغان . يىتىپ بېرىش ۋاقتى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن 5 سائەتتىن كۆپرەك كىچىكىپ كەتكەن . شۇڭا سۇرىيە ھۈكۈمەت ئارمىيىسى ۋەكىللىرى بان كىمون ، راۋلوفلار ئۇچرىشىشنى بىكار قىلىشقا مەجبور بولغان ؛
سۇرىيە بىخەتەرلىك ئورگىنى ئەمەلدارى ئەلى 22- يانىۋار " يەر شارى تورىنىڭ " زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى ، بۇ قېتىمقى يىغىن سۇرىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ، بىراق يىغىننىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئېچىلىشى تەسكە چۈشىدىغاندەك قىلىدۇ ، بۇ سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ". 22- يانىۋار دەمەشىق شەھەر كوچىلىرىدا ئاپتوموبىل ئېقىمى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ، ۋەتەنپەرۋەلىك نامايىشى قىلىپ بۇ قېتىمقى يىغىنىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئېچىلىشنى ئۈمىد قىلدى . دەمەشىقتىكى بىر ئادەمنىڭ مۇخبىرىمىزغا ئېيتىپ بېرىشىچە ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ غەلبە قىلىشى ئىنتايىن تەس بولۇشى ، ھەتتا ئاخىرى مەغلۇب بولۇشى مۇمكىن ، چۈنكى سۇرىيەدىكى مەسىلە بىر قېتىملىق سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس " دىگەن .
فىرانسىيە ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ۋە ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى Fabrice . baron تۈنۈگۈن " يەر شارى تورى " نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دىگەن :" ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتى ئىنتايىن چوڭقۇر . چۈنكى سۇرىيە ئۆكتچىلەر گۇرۇھى بەشىر ھاكىمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەلەپ قىلىدۇ ، سۇرىيە ھۈكۈمىتى بولسا سۇرىيە ئۆكتچىلىرى بولغان " تېرورچىلار ۋە ئاسىيلارنى " يوقىتايلى دەيدۇ ، شۇڭا ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت ئارقىلىق بۇ توقۇنۇشنى توختىتىشى مۇمكىن ئەمەس ؛
" ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى " نىڭ 22- يانۋاردىكى خەۋىرىدە ،Montreux يىغىنى پەقەت رەسمىي سۆھبەتنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ، 24 -يانىۋاردىكى باشلاپ جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ . بۇ كۈنى سۇرىيە ھۈكۈمىتى ۋەكىللىرى بىلەن ئۆكتىچلەر گۇرۇھى ۋەكىللىرى يۈزمۇز تۇرۇپ سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ ؛