تۈركمەنىستان خەلقئارالىق پاختا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى

0 2013-09-25 15:26:06   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      تۈركمەنىستاننىڭ 2 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق پاختا مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى يېقىندا تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشخاباد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
      بۇ كۆرگەزمىنى تۈركمەنىستان دۆلەتلىك كونسېرنى، تاۋار خام ماتېرىيال بېرژىسى، تۈركمەنىستان سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى. تۈركمەنىستان پارلامېنتىنىڭ رەھبەرلىرى، ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى، چەت ئەل ئەلچىخانا ۋەكىللىرى، پايتەخت ئاممىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بۇ كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلدى.
      تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوۋ كۆرگەزمىگە تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى. جۇڭگونىڭ نەنياڭ پەرىشتە ئىلمە توقۇلما چەكلىك شىركىتى بۇ كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر