دۇنيا بانكىسى قىرغىزىستانغا داۋاملىق ياردەم بەرمەكچى

0 2013-09-25 15:22:32   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      قىرغىزىستان 1992 - يىلى 9 - ئايدا دۇنيا بانكىسىغا ئەزا بولغاندىن بۇيان، دۇنيا بانكىسى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىنى ئىزچىل تۈردە ساقلاپ كەلدى.
      شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، يېزا قۇرۇلۇشى، مائارىپ، سەھىيە، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە شەھەر ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيا بانكىسىنىڭ مەبلەغ جەھەتتىن قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلدى. دۇنيا بانكىسى قىرغىزىستاننىڭ خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تەشكىلىي جەھەتتىن ماسلىشىش خىزمەتلىرىنى ئىشلىدى ھەمدە قىرغىزىستاننىڭ ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بۇنىڭ ئىچىدە 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ھەقسىز ياردەم مەبلەغ ئاجراتتى.
      20 يىلدىن بۇيان، دۇنيا بانكىسىنىڭ قىرغىزىستاننى ھەقسىز ياردەم ۋە ئېتىبار قەرز پۇلى بىلەن تەمىنلىگەن سوممىسى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەقسىز بېرىلگەن ياردەم تەخمىنەن 45% نى ئىگىلىدى.
      دۇنيا بانكىسى كەلگۈسى نەچچە يىلدا قىرغىزىستانغا بېرىدىغان ياردىمىنى ئاساسەن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پۇل مۇئامىلە ساھەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنى ياخشىلاش قاتارلىق ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر