ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى 2013 - يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 8% ئاشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى 8.4%، دېھقانچىلىق 6%، مەبلەغ سېلىش 9.3% ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ ئىقتىسادنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، كىچىك تىپتىكى خۇسۇسىي تىجارەتچىلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى قوللايدىغانلىقىنى، باج نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ماكرو ئىگىلىكنىڭ ئېشىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 2013 - يىلى يەنە پايدا بېجى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئاساسىي ئەسلىھەلەر تەرەققىيات بېجى، كىچىك كارخانىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن بېجى ۋە قوشۇمچە قىممىتى ئاشقان باج قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج جەھەتتىكى سېلىقىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، بولۇپمۇ تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، تاپاۋەت بېجىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باج نىسبىتى 1% كە چۈشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا ئاياللىرى جۇڭگو بايلىرى ئۈچۈن ۋاكالىتەن ھامىلدار ...
قۇمۇلدا قاتتىق قار يېغىپ، قىسمەن يوللاردا ۋاقىتلىق قاتناش ت...
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى‹ ئەرزان لەغمەنخانا› لار ئېنىقلاپ چىقىلد...
iOS 7 سىستېمىسى رەسمىي ھالدا ئادەتتىكى ئابونتلارغا قارىتا ئېچ...
مېكسىكىدا 2 نەپەر قاتىل بىر ئائىلە زىياپىتىگە باستۇرۇپ كىرى...
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋاڭفېي بىلەن لىياپ...