قىرغىزىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا بولماقچى

0 2013-09-25 15:19:20   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      قىرغىزىستان ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يېقىندا قىرغىزىستاندا ئېچىلغان »قىرغىزىستاننىڭ تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىشى بىلەن بىر گەۋدىلىشىش مەسىلىسى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ھەم چۈشىنىش« ئاساسىي تېما قىلىنغان يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىدا مۇنداق دېدى: قىرغىزىستان ئىقتىساد مىنىستىرلىقى بىلەن ياۋروئاسىيا ئىقتىساد كومىتېتى بىرلىكتە قىرغىزىستاننىڭ رۇسىيە، بېلورۇسسىيە ۋە قازاقىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى تەييارلىماقتا. قىرغىزىستان ئەڭ دەسلەپتە ياۋروئاسىيا ئىقتىساد بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا بولۇش ھەققىدىكى يول خەرىتىسىنى بەلگىلەش مەسىلىسىگە كۈچ چىقارغانىدى.
      ياۋروئاسىيا ئىقتىساد بوشلۇقى بەرپا قىلىنغاندىن بۇيان، بارلىق تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ياۋروئاسىيا ئىقتىساد كومىتېتى بىر تەرەپ قىلىپ كەلدى. قىرغىزىستاننىڭ تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا بولۇشىغا دائىر تەييارلىق خىزمەتلىرى 2012 - يىلىلا باشلاندى. تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىشى 2013 - يىلىنىڭ ئاخىرى قىرغىزىستاننىڭ مەزكۇر ئىتتىپاقداشقا ئەزا بولۇش شەرتلىرىگە توشۇش - توشماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ، قىرغىزىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئانالىز قىلىدۇ ھەم باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە قاراپ چىقىدۇ، ئاندىن قىرغىزىستاننىڭ تاموژنا بېجى ئىتتىپاقدىشىغا ئەزا بولۇش ياكى بولماسلىقىنى قارار قىلىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر