»رۇسىيە جياڭيۇ بازىرى ئانالىزى« نىڭ يېقىنقى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2011 ~ 2007 - يىللىرى رۇسىيە جياڭيۇ بازىرىدىكى تەمىنلەش مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى%9.21 ئاشقان، بۇ مەزگىلدە جياڭيۇغا بولغان تەلەپ مىقدارى%2.65 ئاشقان. بازار ئېشىشنىڭ سەۋەبى ياپونىيە تائاملىرىنىڭ قارشى ئېلىنىش دەرىجىسىنىڭ ئاشقانلىقى بولۇپ، جياڭيۇ ياپونىيە تائاملىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچتۇر. مۇتەخەسسىسلەر 2016 ~ 2102 - يىللىرى رۇسىيە بازىرىدا جياڭيۇغا قارىتا تەمىنلەش - تەلەپ داۋاملىق ئاشىدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى. رۇسىيە جياڭيۇ بازىرى ئاساسەن ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تولغان.
2011 ~ 2007 - يىللىرى رۇسىيە بازىرىدىكى جياڭيۇنىڭ سېتىلىش مىقدارى سىجىل ئاشقان بولۇپ، 2011 - يىلى رۇسىيە بازىرىدىكى جياڭيۇنىڭ سېتىلىش مىقدارى 23 مىڭ 200 توننا بولدى. بۇ 5 يىلدا رۇسىيە بازىرىدىكى جياڭيۇنىڭ سېتىلىش سوممىسى 1 ھەسسە ئاشتى، يەنى 2007 - يىلىدىكى 1 مىليارد 700 مىليون رۇبلىدىن ئېشىپ 2011 - يىلىدىكى 3 مىليارد 300 مىليون رۇبلىغا يەتتى. باھا ئۆرلىگەنلىكتىن، رۇسىيە بازىرىدىكى جياڭيۇنىڭ سېتىلىش سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتتى.
ئامېرىكا ئاياللىرى جۇڭگو بايلىرى ئۈچۈن ۋاكالىتەن ھامىلدار ...
قۇمۇلدا قاتتىق قار يېغىپ، قىسمەن يوللاردا ۋاقىتلىق قاتناش ت...
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى‹ ئەرزان لەغمەنخانا› لار ئېنىقلاپ چىقىلد...
iOS 7 سىستېمىسى رەسمىي ھالدا ئادەتتىكى ئابونتلارغا قارىتا ئېچ...
مېكسىكىدا 2 نەپەر قاتىل بىر ئائىلە زىياپىتىگە باستۇرۇپ كىرى...
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋاڭفېي بىلەن لىياپ...