ئۆزبېكىستاننىڭ »ئىستاتىستىكا، باج، پۇل مۇئامىلە مەلۇمات جەدۋىلى« ھەققىدىكى زۇڭتۇڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئۆزبېكىستان ئىچكى كابىنېتى يېقىندا بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىجازەتنامە ۋە باشقا تەستىق ھۆججەتلىرىگە ئېرىشىشكە سەرپ قىلىنىدىغان خىراجىتىنى ئاز دېگەندە يېرىم ھەسسە تۆۋەنلەتتى. مەسىلەن: ساياھەتچىلىك ئىجازەتنامىسىنى ئېلىش ھەققى ئاز دېگەندە ھەر ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاشنىڭ 5~5.2 ھەسسىسىچىلىك بولدى. ئۆي - مۈلۈك قانۇنىي ئىگىلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى ئېلىش ھەققى ئەسلىدىكى ھەر ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاشنىڭ 4 ھەسسىسىدىن 2 ھەسسىسىگە تۆۋەنلىتىلدى، داۋالاش دورىگەرلىكنىڭ 5 ھەسسىسىدىن 2 ھەسسىسىگە، نەشرىياتچىلىقنىڭ 4 ھەسسىسىدىن 2 ھەسسىسىگە، توپ تارقىتىش سودىسىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن 0.5 ھەسسىسىگە تۆۋەنلىتىلدى. تەپتىش پائالىيەتلىرى، نېفىت - تەبىئىي گاز ۋە لاتارېيە تىجارەتلىرىنىڭ ئىجازەتنامە ھەققى يېرىم ھەسسە دېگۈدەك تۆۋەنلىتىلدى. تەپتىش ۋە مال باھا ئورۇنلىرى يىلدا 1 قېتىم ئىجازەتنامە تارقىتىش ئورگانلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىدىن دوكلات قىلىپ تۇرىدىغان بولدى. قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ ھەر پەسىلدە 1 قېتىم باج ئورگانلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ مائاش تارقىتىش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. تاۋار كارانتىن ھەققى ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاشنىڭ 3 ھەسسىسىدىن، يېزىلاردا تاۋار كارانتىن ھەققى ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى بەلگىلەندى. تاشقى سودا خۇسۇسىي تىجارەتچىلىرىنىڭ تىزىملىتىش ھەققى ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ ئەسلىدىكى 1ھەسسىسىدىن 0.5 ھەسسىسىگە تۆۋەنلىتىلدى. مۇھىتقا نىسبەتەن زىيىنى بولغان كارخانا ئېكولوگىيەسىنى تەكشۈرۈش ھەققى يېرىم ھەسسە تۆۋەنلىتىلدى.
ئامېرىكا ئاياللىرى جۇڭگو بايلىرى ئۈچۈن ۋاكالىتەن ھامىلدار ...
قۇمۇلدا قاتتىق قار يېغىپ، قىسمەن يوللاردا ۋاقىتلىق قاتناش ت...
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى‹ ئەرزان لەغمەنخانا› لار ئېنىقلاپ چىقىلد...
iOS 7 سىستېمىسى رەسمىي ھالدا ئادەتتىكى ئابونتلارغا قارىتا ئېچ...
مېكسىكىدا 2 نەپەر قاتىل بىر ئائىلە زىياپىتىگە باستۇرۇپ كىرى...
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلىق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋاڭفېي بىلەن لىياپ...