تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بالىنىڭ بەدىنى ئىككى ياشتىن بۇرۇن يېتەرلىك ياغ مىقدارىغا تويۇنمىسا، چوڭ بولغاندىن كېيىن بېلى بارغانسېرى توملىشىپ كېتىدىكەن، ھەتتا بەدىنىگە تېخىمۇ كۆپ ياغ يىغىلىپ قالىدىكەن. تەتقىقات نەتىجىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ تېنىدىكى ئىشتىھانى ئاچىدىغان بىر خىل ھورمۇن باشقىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ياغ نىسبىتىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
بۇ تۈرگە مەسئۇل مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارايدۇ: »بالا تۇغۇلغان دەسلەپكى ئىككى يىلدا بالىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش سەۋىيەسى ئاساسىي جەھەتتىن تۇراقلىق بولىدۇ. ناۋادا بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ بەدىنى يېتەرلىك مىقداردا ياغقا تويۇنمىسا، ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ بەدىنى چوڭ بولغاندا قوبۇل قىلىدىغان ياغ مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىگە ماسلىشىپ بولالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە سېمىزلىك كېسىلىنىڭ يامراپ كېتىشى ئاساسلىقى بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدا يېتەرلىك ياغ مىقدارى بىلەن تويۇنالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك«. شۇڭلاشقا مۇتەخەسسىسلەر بالىلارغا ئىككى ياشتىن بۇرۇن چوقۇم قايماقلىق سۈت بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تامىقىنىڭمۇ ياغلىقراق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى، بالا ئىككى ياشتىن ئاشقاندا ئاندىن ياغلىق يېمەكلىكلەرنى بەك كۆپ بەرمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
10ئۆلكىىدە تېمپىراتورا39سېلسىيە گىرادوسقا،جېجىياڭ سىچۇەنلە...
دۇبەيدىكى باسقۇنچلىققا ئۇچراپ جازا ھۈكۈم قىلىنغان نورۋىگىي...
ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسىدىكى ...
مىسىر ھەربىي تەرەپ مورسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىسا ئامرى...
ئىراقتا 14نەپەر شىئە مەزھىپى مۇسۇلمانلىرى تېرورچىلار تەرىپى...
ئەنگلىيە رومىنىيىلىك كۆچمەنلەرگە نىسبەتەن «تازلاش » ئېلىپ ...