1. تولغاق كېسىلى تارقالغان مەزگىلدە سەيگە ئازراق ئاچچىقسۇ قوشىۋەتسە، ئاشقازاننىڭ تولغاق تاياقچە باكتېرىيەسىگە نىسبەتەن قارشىلىق كۈچى ئاشىدۇ.
2. بەرەڭگىنى قورىغاندا ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسە، بەرەڭگە كۆيۈپ كەتمەيدۇ، رەڭگى سۈزۈك، تەملىك، يۇمشاق بولىدۇ.
3. كەسمە چۆپ ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا غەيرى پۇراپ قالىدۇ، ئۇنى پىشۇرغاندا ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسە، غەيرى پۇراقنى ئالىدۇ، قىرتاق تەمنى يوقىتىدۇ، رەڭگى ئاق بولىدۇ.
4. خەيدەي پىشۇرغاندا، ئالدى بىلەن خەيدەينى قازاندا قاينىتىپ، ئاندىن ئازراق ئاچچىقسۇ قوشىۋەتسە خەيدەي يۇمشاق ۋە تەملىك بولىدۇ.
5. بېلىقنى ئاچچىقسۇ قوشۇلغان سۇغا ئىككى سائەت چىلاپ قويسا، بېلىق قاسرىقىنى تازىلاش ئاسان بولىدۇ.
6. يىپەك بۇيۇملارنى يۇيماقچى بولغان سۇغا ئازراق ئاچچىقسۇ قوشىۋەتسە، يىپەكنىڭ ئەسلى پارقىراقلىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.
7. كىيىملەرگە ئازراق رەڭ ياكى مېۋە سۈيى تېمىپ كەتكەندە، ئاچچىقسۇ بىلەن سۈرتىۋەتسە چىقىپ كېتىدۇ.
8. يۇيۇنىدىغان سۇغا ئازراق ئاچچىقسۇ قوشىۋەتسە، ھاردۇقنى تېزلا چىقىرىدۇ.
9. يېرىم كىلوگىرام سۇغا 200 گىرام ئاچچىقسۇنى قوشۇپ قىزىتىپ باشنى يۇيسا، چاچ چۈشۈش، باش قىچىشىش ۋە چاچ كېپەك بولۇشنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
10. چاچنى پاسون چىقىرىپ ياساشتىن بۇرۇن، چاچقا ئازراق ئاچچىقسۇ پۈركىۋەتسە، چاچ پاسونىنى ئۇزاققىچە ساقلىغىلى بولىدۇ.
11. ئەينەكتىكى سىر داغلىرىنى ئاچچىقسۇ بىلەن سۈرتىۋەتسە ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ.
12. ئاياغ مېيىغا ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئاياغ سۈرتسە، ئاياغنىڭ پارقىراقلىقىنى ئۇزاققىچە ساقلىغىلى بولىدۇ.
13. ئاليۇمىن ۋە مىس بۇيۇملار ئۇزاق ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، ئاچچىقسۇ بىلەن سۈرتۈپ قۇرىغاندا سۇ بىلەن يۇيىۋەتسە پارقىراقلىقى ئەسلىگە كېلىدۇ.
14. تاماق يېگەندە ھېق تۇتۇپ قالسا، ئازراق ئاچچىقسۇ ئىچىۋەتسە توختايدۇ.
15. گالدا بېلىق قىلتىرىقى تۇرۇپ قالغاندا بىرنەچچە يۇتۇم ئاچچىقسۇ ئىچىۋەتسە، قىلتىرىق يۇمشاپ چۈشۈپ كېتىدۇ.
16. تېرىسى يىرىك بولغانلار ئاچچىقسۇ بىلەن گىلىتسېرىننى ئارىلاشتۇرۇپ تېرىگە سۈرتسە، تېرىنىڭ يۇمرانلىقى ئەسلىگە كېلىدۇ.
17. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سوغۇق قايناق سۇغا بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ قوشۇپ ئىچىۋەتسە، تېزلا ئۇخلىغىلى بولىدۇ ھەم ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولىدۇ.
18. پۇت يۇيىدىغان سۇغا 15~10 مىللىلىتىر گۈرۈچتىن ئىشلەنگەن ئاچچىقسۇ قوشىۋەتسە، پۇتتىكى پۇراقنى ئالىدۇ.
19. بۇرۇن قانىغاندا پاختىنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ بۇرۇن تۆشۈكىگە تىقىپ قويسا قان توختايدۇ.
20. چايدان ئۇزاق ئىشلىتىلسە غەيرىي پۇراپ قالىدۇ، بىر قوشۇق ئاچچىقسۇنى بىر ئىستاكان سۇغا قوشۇپ، چايداننى چايقىغاندىن كېيىن تۆكۈۋەتسە، چايداندىكى پۇراق تەلتۆكۈس يوقايدۇ.
21. يېڭى قازاننى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن 200 گىرام ئاچچىقسۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، ئاندىن قاتتىق چوتكا بىلەن قازان ئىچىنى سۈرتۈپ يۇيىۋەتكەندىن كېيىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
22. مىخنى ئاچچىقسۇغا چىلىغاندىن كېيىن ئىشلەتسە، مىخ ئۇزاققىچە داتلاشمايدۇ.
23. يېڭى سېتىۋالغان ئۆي جاھازلىرىدا سڭر پۇرىقى كۈچلۈك بولسا، ئازراق ئاچچىقسۇنى گۈرۈچ يۇيغان سۇغا تېمىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۈرتسە سىر پۇرىقى يوقايدۇ.
10ئۆلكىىدە تېمپىراتورا39سېلسىيە گىرادوسقا،جېجىياڭ سىچۇەنلە...
دۇبەيدىكى باسقۇنچلىققا ئۇچراپ جازا ھۈكۈم قىلىنغان نورۋىگىي...
ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسىدىكى ...
مىسىر ھەربىي تەرەپ مورسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىسا ئامرى...
ئىراقتا 14نەپەر شىئە مەزھىپى مۇسۇلمانلىرى تېرورچىلار تەرىپى...
ئەنگلىيە رومىنىيىلىك كۆچمەنلەرگە نىسبەتەن «تازلاش » ئېلىپ ...