ئۈزۈم تېلىنى ئېچىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار

0 2013-07-26 12:46:41   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      ئۈزۈم تېلىنى كۆمۈش ۋە ئېچىش مەشغۇلاتى ئۈزۈمنىڭ شۇ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. شۇڭا، ئۈزۈم تېلىنى ئېچىشتا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:
      1. تالنى ئېچىشتىن بۇرۇن باراڭنى پۇختىلاش كېرەك.
      2. كۈزدە ئوغۇتلانمىغان بولسا، تولۇق چىرىگەن ئورگانىك ئوغۇتقا مۇۋاپىق مىقداردا ئازوتلۇق، فوسفورلۇق ئوغۇت ئارىلاشتۇرۇپ ئېچىشتىن بۇرۇن ئوغۇتلاش كېرەك.
      3. ۋاقىتنى ياخشى تاللاش كېرەك. ئۈزۈم تاللىرىنى بەك بالدۇر ئېچىۋەتسە، سوغۇققا بەرداشلىق بېرەلمەي، شاخلىرى ئاسان سۇنۇپ كېتىدۇ. بەك كېيىن قالسا، ئاچماي تۇرۇپلا بىخلىنىپ، سېسىپ كېتىدۇ. ئادەتتە تۇپراق تېمپېراتۇرىسى  ℃16~℃10 بولغاندا ئۈزۈم تېلىنىڭ يىلتىز سىستېمىسى جانلىنىپ، غول، شاخلىرىغا سۇ يۈگۈرىدۇ. ئۈزۈم تېلىنى مۇشۇ مەزگىلدە ئاچسا ئەڭ مۇۋاپىق. بۇ، ئادەتتە ئۆرۈك تەكشى چېچەكلىگەن مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ.
      4. ئۈزۈم تاللىرىنى ئەڭ ياخشىسى بىر قانچە قېتىمغا بۆلۈپ ئېچىپ، سىرتقى مۇھىتقا تەدرىجىي ماسلاشتۇرۇش كېرەك. تولۇق ئېچىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال باراڭغا ئېلىپ رەتلەپ باغلىۋېتىش كېرەك. ئېچىش جەريانىدا زەخىملەندۈرۈپ قويماسلىق، قىسمەن چاتاشقا توغرا كەلسە، بىخ چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن چاتاش كېرەك. چۈنكى تالنى ئېچىپ بولۇپلا چاتىسا ياكى تال زەخىملەنسە، ئېقىۋاتقان سۇيۇقلۇق يىلتىز سىستېمىسىنىڭ بېسىمى بىلەن زەخىملەنگەن ئورۇندىن ئېقىپ چىقىپ، ئوزۇقلۇق ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر تۇپراق قۇرۇپ كەتكەن بولسا، ئۈزۈم تېلىنى ئېچىپ رەتلەپ بولغاندىن كېيىن مۇۋاپىق سۇغىرىش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر