مايىقىغا قاراش :توخۇخانىنى تازىلىغاندا ماياق شەكلىنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك. نورمال ماياقنىڭ يۇمشاق - قاتتىقلىقى مۇۋاپىق، ئۈستىدە ئاز مىقداردا ئاق چۆكمە ماددا بولىدۇ. ئەگەر مايىقى زىيادە سۇيۇق بولسا، سۇنى كۆپ ئىچكەنلىكى ياكى ھەزىم قىلىشى ناچار ئىكەنلىكىنى، مايىقى سارغۇچ كۆپۈكسىمان بولسا، ئۈچەي ياللۇغى بولغانلىقىنى، مايىقى ئاق سۇيۇق بولسا، ئاق تولغاق بولغانلىقىنى، ئاچ قىزىل قان ئارىلاش بولسا، شارسىمان قۇرت كېسىلى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
دانلاش ئەھۋالىغا قاراش: ساغلام توخۇلار يەمگە ئىنتىلىپ تۇرىدۇ. كېسەل توخۇلار بولسا يەم يېمەيدۇ ياكى چەتكە قىستاپ چىقىرىۋېتىلىدۇ، ئىنكاسى يوق دېيەرلىك. ئېغىر كېسەل تەگكەن توخۇلارنىڭ روھىي ھالىتى ناچار، كۆزى يۇمۇق، بېشىنى تۈگىۋالغان، قانىتى پاخپايغان بولىدۇ.
ئىشتىھاسىغا قاراش: ئەگەر توخۇنىڭ ئىشتىھاسى بارا - بارا كۈچەيسە ساق ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر يەم يېمىسە، سۇ ئىچمىسە ياكى يەم مىقدارى ئازلاپ كەتسە، كېسەل تەگكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
نەپەسلىنىش ئەھۋالىغا قاراش: كەچتە توخۇلارنىڭ نەپەسلىنىش ئەھۋالىغا قارىسا بولىدۇ. ئەگەر خىرىلدىغان ئاۋاز چىقسا، نەپەس يولى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تۇخۇمىغا قاراش: بۇنىڭغا ئاساسلىقى تۇخۇمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، شەكلى، پارقىراقلىقى، رەڭگىگە قاراش كېرەك.
ئەنگىلىيىدە يۇقۇرى تېمپۇراتىرا سەۋەبىدىن 760ئادەم قازا قىلد...
ئىسرائىلىيە 80 نەپەر پەلەستىنلىك مەھبۇسنى قۇيۇپ بېرىدىغان ب...
فىلىپپىن زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى نەچچە مىڭ كىشىلى...
ئەنگىلىيە شاھزادىسى ۋېليامنىڭ خانىمى كەيت بىر ئوغۇل بوۋاق ي...
جاڭ چۈنشيەن «تەڭرىتاغقا مۇھەببەت»نى كۆرگەندىن كېيىن ھەنىپە...
دۇبەيدە بىر كىلوگىرام ئۇرۇقلىغانلارغا بىر گىرام ئالتۇن مۇك...
تالىبان رەھبىرىنىڭ پاكسىتانلىق قىز مالالاغا ئەۋەتكەن خېتى ...