يېڭى تۇغۇلغان بۆجەندە كۆرۈلىدىغان سۈت ئەممەسلىك كېسىلى كۆپىنچە توشقاننىڭ بوغازلىق مەزگىلىدە، بولۇپمۇ بوغازلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئادەتتە بۇ كېسەللىك 3~2 كۈنلۈك بۆجەنلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە بىر ئۇۋىدىكى بىر قىسىم ياكى ھەممە بۆجەندە كۆرۈلىدۇ.
ئالامىتى
بۆجەن تۇيۇقسىزلا سۈت ئەممەيدۇ، تەن تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، تېرە رەڭگى تۇتۇقلىشىپ ماغدۇرسىزلىنىدۇ. بەزىلىرى تېزلا ئۆلۈپ قالىدۇ، يەنە بەزىلىرىدە تۇيۇقسىز تارتىشىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ئاخىرىدا ھۇشسىزلىنىپ ئۆلۈپ قالىدۇ. يېرىپ تەكشۈرگەندە باشقا غەيرىي ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. قان، جىگەر، تالنى تەكشۈرگەندە كېسەللىك باكتېرىيەسى بايقالمايدۇ. كېسەللىك جەريانى ئادەتتە 3~2 سائەت داۋاملىشىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالىمىسا ئاساسەن دېگۈدەك ئۆلۈپ قالىدۇ.
داۋالاش
گىلۇكوزا بىلەن داۋالىسا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. ۋېلسىپىت كامىرىنىڭ يەل ئۇرىدىغان ۋېنتىل ئۇچىدىكى رېزىنكە پىپىنى شىپىرىسقا ئورنىتىپ، ئۇنىڭغا %25 لىك گىلۇكوزا سۇيۇقلۇقىنى سۈمۈرۈپ، ئاندىن پىپى ئارقىلىق سۇيۇقلۇقنى بۆجەننىڭ ئېغىزىغا ئاستا - ئاستا كىرگۈزۈپ، ھەربىر بۆجەنگە 2~1 مىللىلىتىر بەرسە بولىدۇ؛ سۇيۇقلۇقنى يۇتالمايدىغان بۆجەننىڭ قورساق بوشلۇقىغا %10~%5 لىك گىلۇكوزىدىن 6-5 مىللىلىتىر ئۇرسا بولىدۇ. ئادەتتە 15-20 مىنۇتتىن كېيىن بۆجەننىڭ تەن تېمپېراتۇرىسى ئەسلىگە كېلىپ، تارتىشىشى توختايدۇ. 25~20 مىنۇتتىن كېيىن ئېمىشكە باشلاپ، »چىر - چىر« ئاۋاز چىقىرىدۇ. قورساق قىسمى تېزلا يۇمىلاقلىشىپ، ئۆزئارا قىسىلىشىپ خاتىرجەم ئۇخلاشقا باشلايدۇ. داۋالاش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن،6-5 سائەتتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئوكۇل ئۇرۇش كېرەك. گىلۇكوزا سۇيۇقلۇقىنى كۈندە 2 قېتىمدىن ئۇدا 3 كۈن بەرسە بولىدۇ. بۇ كېسەللىك ئاساسلىقى قان قەنتى تۆۋەن بولۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش
توشقان بوغاز مەزگىلىدە، بولۇپمۇ بوغازلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ھەر كۈنى 3 قېتىم يېڭى ئوت - چۆپ بەرگەندىن سىرت، يەنە 100 گىرام كۆممىقوناق، ئارپا قاتارلىق تەركىبىدە كاربون - سۇ بىرىكمىسى يۇقىرى بولغان تۈجۈپىلىك يەم ۋە مۇۋاپىق مىقداردا ئاش تۇزى بېرىش كېرەك. ھاۋا ياخشى كۈنلىرى توشقاننى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئاپتاپقا سېلىش ۋە ھەرىكەت قىلدۇرۇش كېرەك. يېڭى بۆجەنلىگەندىن كېيىن توشقانغا %8 لىك شېكەر ئېرىتمىسى تەييارلاپ، ئۆزىنىڭ ئەركىن ئىچىشىگە قويۇپ بەرسە بولىدۇ.
ئەنگىلىيىدە يۇقۇرى تېمپۇراتىرا سەۋەبىدىن 760ئادەم قازا قىلد...
ئىسرائىلىيە 80 نەپەر پەلەستىنلىك مەھبۇسنى قۇيۇپ بېرىدىغان ب...
فىلىپپىن زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى نەچچە مىڭ كىشىلى...
ئەنگىلىيە شاھزادىسى ۋېليامنىڭ خانىمى كەيت بىر ئوغۇل بوۋاق ي...
جاڭ چۈنشيەن «تەڭرىتاغقا مۇھەببەت»نى كۆرگەندىن كېيىن ھەنىپە...
دۇبەيدە بىر كىلوگىرام ئۇرۇقلىغانلارغا بىر گىرام ئالتۇن مۇك...
تالىبان رەھبىرىنىڭ پاكسىتانلىق قىز مالالاغا ئەۋەتكەن خېتى ...