كونا كۆكتاتلىقنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش تەدبىرى

0 2013-07-23 12:00:11   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      1. مەھەللىۋى ئوغۇت بىلەن كۆپرەك ئوغۇتلاپ، تۇپراق ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بەزى دېھقانلار ھوسۇلنىڭ بولۇش - بولماسلىقى سۇغا باغلىق، ئاز - كۆپلىكى ئوغۇتقا باغلىق، دەپ قاراپ، خىمىيەۋى ئوغۇتنى كۆپ ئىشلىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەننەرخ ئېشىپ كېتىپلا قالماستىن، ئەكسىچە تۇپراق قېتىۋالىدۇ، ھەتتا تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇڭا كۆكتاتلىققا ئاساسىي ئوغۇت بەرگەندە مەھەللىۋى ئوغۇتنى كۆپرەك ئىشلىتىپ تۇپراقنى ياخشىلاش، چىرىندى ماددىلارنى كۆپەيتىش ئارقىلىق تېرىش قەۋىتىدىكى سۇ، ئوغۇت، ھاۋا، ئىسسىقلىق، باكتېرىيە قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش، كۆكتاتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇۋاپىق تۇپراق مۇھىتى ھازىرلاش كېرەك.
      2. خىمىيەۋى ئوغۇتنى مۇۋاپىق تاللاپ، نىشانلىق ئوغۇتلاش ئارقىلىق تۇپراقنى ياخشىلاش كېرەك. كۆكتاتلىقنىڭ كىسلاتالىق ۋە ئىشقارلىق دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئىشلىتىلىدىغان خىمىيەۋى ئوغۇتمۇ شۇنىڭغا قارىتا پەرقلىق بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدا سىناق قەغىزى ئارقىلىق كىسلاتالىق ۋە ئىشقارلىق دەرىجىسىنى ئۆلچەپ ئوغۇتلاش پىرىنسىپىنى قوللىنىش كېرەك. ئەگەر سىناق قەغىزىدە تۇپراق ئېرىتمىلىرى سۇس قىزىل ياكى قىزىل رەڭنى كۆرسەتسە تۇپراقنىڭ كىسلاتالىق ئىكەنلىكىنى، كۆك ياكى قېنىق كۆك رەڭنى كۆرسەتسە ئىشقارلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىشقارلىق تۇپراقنى ھاك (ھەر مو يەرگە 40~30 كىلوگىرام) ياكى ئۆسۈملۈك كۈلى (ھەر مو يەرگە 50~ 40 كىلوگىرام) بىلەن ئوغۇتلاش ئارقىلىق نېيترال ھالەتكە كەلتۈرۈش كېرەك.
      3. نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش ۋە كىرىشتۈرۈپ تېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. شوخلا، مۇچ، پېدىگەن، بەرەڭگە، كانىباش، كۆك پۇرچاق، سەي پۇرچاق تۈرىدىكىلەر ھەم قوغۇن - قاپاق تۈرىدىكىلەرنى تەكرار، ئېڭىز ئالماشتۇرماي ئۆستۈرسە، مەھسۇلاتى تۆۋەنلەپ كېتىپلا قالماي، سۈپىتىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارات زىيىنىمۇ ئېغىرلايدۇ. ھەر خىل كۆكتاتلارنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ، ئېڭىز ئالماشتۇرۇپ تېرىش ئۇسۇلىنى قوللانسا، كۆكتات يېرىنى ياخشىلىغىلى ھەمدە تۇپراقتىكى بەزى ئېلېمېنتلارنىڭ يېتىشمەسلىكى )ھەر خىل كۆكتاتلارنىڭ قوبۇل قىلىدىغان ئېلېمېنتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ( نىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇش بىلەن بىرگە، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشارات زىيىنى پەيدا بولۇشنى ۋە تۇپراقتا زىيانلىق ماددىلارنىڭ يىغىلىۋېلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر