بەلگىلىمە بۇيىچە ئالىي مەكتەپ يېزا كادىرلىقىنىڭ مائاشى تۇنجى قېتىم مۇكاپاتلىق مائاشى قىسىمى بىكىتىلىپ، ئىمتاھاندىن ئۆتكەن ئۇقۇغۇچىلار بىلەن توختام تۈزۈلدىكەن. تۇللۇق كۇرۇس ئۇقۇش تارىخىغا ئىگە يېزا كادىرلىقىغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىنچى يىلدىكى مائاشى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4500 يۈەن بۇلىدىكەن، ئالدىنقى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا 2000 يۈەن ئارتۇق بۇلۇپ بىر قاتلانغان. ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، بۇ قانۇن بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدىكەن.
يېڭى تۈزۈلمىگە ئاساسلانغاندا، ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ يېزا كادىرلىق خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مائاشى، سىناق مۇكاپاتى، جەمىيەت كاپالەتنەمىسى ۋە جامائەت فوندى قاتارلىق پۇللاردىن تەشكىل تاپقان ئىكەن.
ئادەتتە ئاساسىي مائاشى 2000 يۈەن بۇلۇپ، تەڭشىگەندىن كېيىن 2500 يۈەنگە چىققان، بۇرۇنقى مائاش تارقىتىش ئۆلچىمى يىلنىڭ بېشىدا 500 يۈەن ئاشقان، يېڭى تۈزۈم بويىچە ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى يىللىرى ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەر ئايلىق مائاشى 3000 يۈەن بۇلىدىكەن. كىيىنكى يىللىرى ئۈزلىكسىز ئېشىپ 3500 يۈنگە چىقىدىكەن. مەخسۇس كۇرۇستىكىلەرنىڭ ئايلىق مائاشى تۇللۇق كۇرۇستىكىلەردىن 200 يۈەن تۆۋەن بۇلىدىكەن، ئاسپىرانت ئۇنۋانىغا ئىگە بولغانلارنىڭ تۇللۇق كۇرۇستىكىلەردىن 200 يۈەن يۇقىرى بۇلىدىكەن.تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى بولسا، ھەر ئاينىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن يېزا كادىرلىرى ئىچىدىن نەمۇنچى بولغانلىرىنى تاللاپ خىزمىتىنى ئۆستۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...