بېنزىن بىلەن سەلەركىنىڭ باھاسى ئۆستى

1922013-02-27 10:35:49   ياشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى 24-فېۋرال ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى:24-فېۋرال ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 22:00 دىن ئېتىبارەن ھەر توننا بېنزىن بىلەن سەلەركىنىڭ باھاسى 300 يۈەن ۋە 290 يۈەن ئۆستۈرۈلدى،بۇ ھەر لىتىر 90-نومۇرلۇق بېنزىن بىلەن 0-نومۇرلۇق سەلەركىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسى 0.22 يۈەن ۋە 0.25 يۈەن ئۆرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

يېقىلغۇ باھاسى تەڭشەلگەندىن كېيىن،دۆلەت ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلار،بېلىقچىلىق ۋە ئورمانچىلىق ئىشلىرى،شەھەر قاتنىشى ۋە يېزا يوللىرىدا يولۇچى توشۇش ساھدسىگە تولۇقلىما بېرىدۇ.بازاردا باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش،زەنجىرسىمان ئۆرلەشنى توسۇش ئۈچۈن،پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك تۆمۈر يولدا يولۇچى توشۇش،شەھەر قاتنىشى،يېزا-كەنت يوللىرىدا يولۇچى توشۇش ساھەسىدە باھا تەڭشەلمەيدۇ.