كېررى 25-چىسلا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا :" ئامېرىكا ھەرگىزمۇ سۈرىيە ئۆكتىچى كۈچلىرىنىڭ ئۆزى پەيدا بۇلۇپ ئۆزلىكىدىن يۇقىلىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ، ھەم ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ داۋاملىق تۈردە ياردەم قاچان كېلىدۇ ياكى كېلەمدۇ-كەلمەمدۇ دېيىشىگىمۇ يول قويمايمىز." دېدى. كېررى سۈرىيە زۇڭتۇڭى باسار ئاسادنى بالدۇرراق تەختتىن چۈشۈشكە دەۋەت قىلىپ، " ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە يەر يۈزى ئەمەلىي كۈچى سېلىشتۇرمىسىنى ئۆزگەرتىش ئىرادىسى بار." دېدى.
كېررى بۇ ئىپادىنى بىلدۈرگەندە سۈرىيە مەسىلىسىگە قارىتا كېلىشتۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇلۇپ سۈرىيە مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان رىم يىغىنى مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرغان.
بۇندىن ئىلگىرى، سۈرىيە ئۆكتىچىللىرى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەمىنلىگەن ياردىمىنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىدىن ئاغرىنىپ، 28-چىسلا ئېچىلىدىغان رىم يىغىنىغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان. لېكىن ئارقىدىنلا ئامېرىكا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدىن بىلەن كېررىنىڭ نەسىھىتىدىن كىيىن رىم يىغىنىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغان.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...