ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئىشلىرى كاتىپى كېررى 24-فېۋرال ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى چەت ئەل سەپىرىنى باشلىدى.سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كلىنتون تۇنجى زىيارىتىنى ئاسيادىن باشلىغانىدى،لېكىن كېررى ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، تۈركىيە، مەسەر، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق توققۇز دۆلەتتىن باشلىدى.
تەھىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى:"گەرچە شەرقىي ئاسىيادا قىيىن مەسىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ،لېكىن كېررىنىڭ يەنىلا ئاۋۋال ياۋروپا بىلەن ئوتتۇرا شەرقنى زىيارەت قىلماقچى بولغانلىقى ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ،سۇرىيە كىرىزىسى بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ".
ئامېرىكىدىكى "سىياسەت تور بېكىتى"ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى"گەرچە ئاقساراي كېررىنىڭ قارارىدىن رەنجىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تۇنجى سەپىرىنى ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن باشلاشتا چىڭ تۇردى.كېررى ھىلارىغا ئوخشاشلا ئوبامانىڭ ئاسىيانى "قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى"نى قوللىسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا سۇرىيە بىلەن ئىران قاتارلىق قىزىق نۇقىتىلارغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشىنى،ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاش قەدىمىنى تېزلىتىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان.
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى:كېررىدە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە كىرگەنلىكىدە سىياسىي ساھەدىكى 40 يىللىق ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ،شۇڭا ئۇ ئوباما ھۆكۈمىتىدىكى قارار بەلگىلەش رولىنى ھىلارىدىنمۇ ياخشى ئويناشنى ئۈمىد قىلغان،شۇڭا ئۇنىڭ دىپلوماتىيە تەجىرىبىسى ئىنتايىن مول، قىسمەن دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ياخشى؛ بۇنىڭدىن باشقا، كېررى بىلەن ئوبامانىڭ مۇناسىۋىتى يېقىن، بۇ ئامىللار كېررىنىڭ دىپلوماتىيە خىياللىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق".
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...