115 كۈنلۈك ئاممىۋى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولدىڭىزمۇ؟

822013-02-22 11:25:48   خەلق تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

خەۋەر قىلىنىشىچە، جۇڭگونىڭ ھەر يىللىق ئاممىۋى دەم ئېلىش كۈنى جەمئىي 115 كۈن بولۇپ، بۇ ئوتتۇراھال تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يىتىدىكەن. بۇ خەۋەر بېرىلىشى بىلەن قىزغىن مۇلاھىزە قوزغىدى.

بۇ 115 كۈنلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن كىشىلەر تولۇق ھوزۇرلىنالامدۇ-يوق؟ مۇخبىر بۇ ھەقتە ھەر تەرەپلىمە پىكىر ئېلىپ بېقىش ئۈچۈن ھەرقايسى قاتلام كىشىلىرىنى زىيارەت قىلدى.

ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىنىڭ خىزمىتى كۆپ، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، دەم ئالمىقى تەس، بۇنىڭدا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر باشلامچى بولۇشى كېرەك.

دۆلەت كارخانىلىرىدا خىزمەتچىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئالالايدۇ، باشقۇرغۇچى خادىملار تەسرەك.چەتئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلاردا دەم ئېلىش تۈزۈمى بىرقەدەر قېلىپلاشقان، خادىملار يىللىق دەم ئېلىشىنى ئالمىسا تەنقىدلىنىدۇ.بىرىنچى سەپتىكى ئىشچىلار ئاساسلىقى پۇل تېپىشنى كۆزلەيدۇ، دەم ئېلىش كۈنلىرىگە پەرۋا قىلمايدۇ.

يېقىندا، گېزىتىمىزنىڭ جەمئىيەت سەھىپىسى خەلق گېزىتىنىڭ قانۇنىي مىكرو بىلوگى بىلەن بىرلىكتە «بىر يىلدا قانچە كۈن دەم ئالالايسىز؟»دېگەن تېمىدا بىرقاتار تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈش نەتىجسىىدىن قارىغاندا، %60تىن ئارتۇق تورداش ھەپتە ئاخىرىسىدىكى دەم ئېلىش كۈنىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنى ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

104 كۈنلۈك دەم ئېلىش كۈنىنى تولۇق ئالالايدىغان تورداش %22.6نى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ تۆتتىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمىگەن، دەم ئېلىش كۈنى 52 كۈندىن ئاشىدىغان، 104 كۈنگە يەتمەيدىغانلار % 40نى، 52 كۈندىن ئارتۇق دەم ئالالايدىغانلار %21.2نى ئىگىلىگەن، %16.7 ئادەم ھەپتە ئاخىرىدا ئاساسىي جەھەتتىن دەم ئالمايدىكەن.

نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە بىر يىلدا چاغان، دۆلەت بايرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 كۈنلۈك قانۇنلۇق دەم ئېلىش كۈنى بەلگىلەنگەن. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دەم ئېلىش كۈنىنى تولۇق ئالالايدىغان تورداشلار %42.5كە، بەش كۈندىن 10 كۈنگىچە دەم ئالالايدىغانلار %35.3كە يېتىدىكەن، %15.5 تورداش دەم ئېلىش كۈنىنىڭ بەش كۈنگە يەتمەيدىغانلىقىنى، %6.8 تورداش بىر كۈنمۇ دەم ئالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.