ئامېرىكىلىق ئالىملار يېقىندا بىر خىل ماشىنا بوۋاقنى ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ خىل ماشىنا بوۋاق قارىماققا ھەقىقىي بوۋاق بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدىكەن. ماشىنا بوۋاقنىڭ ئىچىگە ئادەمنىڭ چىراي ئىپادىسىنى پەرىقلەندۈرۈش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئاپپارات ئورنىتىلغان بولۇپ، بىر ياشلىق بالىنىڭ ھەرخىل چىراي ئىپادىسىنى دورىيالايدىكەن. ئۇ تىخى بوۋاقلانىڭ يىغلاش ئالدىدىكى ئاغزىنى ئۆمچەيتكەن ھالىتىنى ئەينەن دورايدىكەن. بۇ ماشىنا بوۋاقنى ياسىغان تەتقىقات گورۇپىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ‹‹ماشىنا بوۋاقنىڭ يۈزىگە ئىنتايىن ئەۋرىشىم ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ خىل ماتېرىيال ئادەمنىڭ تېرىسىگە بەكلا ئوخشايدۇ. ماشىنا ئادەملەرگە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ئوخشاش تۇيغۇلۇق ئىقتىدار كىرگۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم، بۇ ئۇرۇشلادا ئىشلىتىلىدىغان ماشىنا ئادەم ياساشتىنمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش››.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...