ئىككىنچى يۈرۈش ئۆيگە ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتى %70كە ئۆستۈرۈلىدىكەن

2602013-02-21 11:21:25   خەلق تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

مالىيە بىرلەشمە خەۋەر مەركىزى تۈنۈگۈن مىكرو بىلوگدا مۇنداق دېگەن، يېقىندا ئۆي-مۈلۈك كەسپىنى تەڭشەش-تىزگىنلەشكە ئالاقىدار سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى، ھازىر تاللاشقا بولىدىغان ئىككى لايىھە — ئىككىنچى يۈرۈش ئۆينىڭ %70 پۇلىنى ئالدىن تاپشۇرۇش ۋە قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى 1.3 ھەسسە ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت، يولغا قويۇش ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىدى. بۇ ھەقتە مۇخبىر ھەرقايسى چوڭ بانكىلارنىڭ شەخسىي قەرز تارمىقىدىن ئاساس سورىغاندا، سودا سانائەت بانكىسى، سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى قاتارلىقلار بىردەك تېخى ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

بېيجىڭ ۋېيجيا ئەنجيې شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ۋۇ خاۋ مۇنداق دېدى، ئىككىنچى يۈرۈش ئۆيگە ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس، ئەمما سىممېترىكسىز ئۆسۈم قوشۇش (پەقەت 5 يىللىقتىن يۇقىرى قەرزنىڭ ئۆسۈمىنى ئۆستۈرۈش) ئېھتىماللىقى چوڭراق. ۋۇ خاۋنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئىككىنچى يۈرۈش ئۆيگە ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتى %60كە يەتكەن بولۇپ، بۇ خېلىلا يوقىرى ئىكەن، ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالىدىغانلار تۇنجى ئۆيگە ئېھتىياجلىقلار ۋە ئىككىنچى يۈرۈش ئۆيگە ئېھتىياجلىقلار دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدىكەن، ھەر ئىككىسى قاتتىق ئىھتىياج ھېسابلىنىدىكەن، ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۇلارغا قاتتىق زەربە ئېلىپ كېلىدىكەن، بۇ ئۆي-مۈلۈك كەسپىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا پايدىسىز ئىكەن.