2- ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن 3تىن 30مىنۇت ئەتراپىدا شەنشى ئۆلكىسى شىياڭ ۋېن ناھىيىسىنىڭ يەرلىك باج ئائىلىكلەر قوروسى ئىچىدە پارتىلاش يۈز بەردى . بۇ قېتىمقى پارتىلاشتا 1ئادەم قازا بولدى .
2-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن 3تىن 30مىنۇت ئەتراپىدا شەنشى ئۆلكىسى شىياڭ ۋېن ناھىيىسىنىڭ يەرلىك باج ئائىلىكلەر بىناسىدا پارتىلاش يۈز بەرگەنلىكىنى بىر تورداش مىكروبىلوگىغا چىقارغان . تورداشنىڭ مىكرو بىلوگىدا مۇنداق يېزىلغان «بۇ بىنادا ئولتۇرغان سىياسىي قانۇن بۆلىمىنىڭ باشلىقىغا بىرەيلەن ''سىزگە بىر ساندۇق سوۋغا ئېلىپ كەلدىم ، ئىشىك ئالدىغا قويۇپ قويغان ئېلىۋېلىڭ '' دەپ تېلفون قىلغان . باشلىق ئۆزىنىڭ قىزىنى بۇ ئىشقا بۇيرىغان ، بۇقىز قەغەز ساندۇقنى كۆتۈرىشى بىلەن ساندۇق پارتىلاپ كەتكەن ، قىز نەق مەيداندا ئۆلگەن ، ئۆلگۈچى 20ياش ئەتراپىدا بۇلۇپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن .»لېكىن بۇ ئىشقا قارىتا يەرلىك ھۆكۈمەت تېخى ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى .
ئىگىلىنىشچە ، بۇ قېتىمقى پارتىلاشتا 1ئادەم ئۆلگەندىن سىرت باشقا زەخمىلىنىش بولمىغان ، ئەمما رەسىمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدۇكى بىنا قاتتىق زەخمىلىنىشقا ئۇچرىغان .
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...