شەنشىدە بىر يۇلۇچىلار ئاپتۇبۇسى قىيادىن چۈشۈپ كىتىپ بىر ئادەم قازا قىلدى

272013-02-20 11:07:24   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   شىنخۇا تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 19-كۈنى شىئەندىن ئەۋەتكەن تېلگىراممىسى: 2-ئاينىڭ 19-كۈنى 16 لەردە شەنشى ئۆلكىسى شۈنياڭ ناھىيەسى لۈچې تاشيۇلىنىڭ چىلى بۆلىكىدە بىر يۇلۇچىلار ئاپتۇبۇسى يۈز مىتىرلىق قىيادىن چۈشۈپ كەتكەن، ھادىسىدە 1 ئادەم قازا قىلغان، باشقا ياردارلار شۈنياڭ ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزىلىۋېتىپتۇ.

   مۇخبىرنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئىگەنلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، 19-چىسلا 16 لەردە شۈنياڭ ناھىيەلىك تىرانسىپورت شىركىتىنىڭ بىر يۇلۇچىلار ئاپتۇبۇسى ناھىيە بازىرىغا 50 كىلومىتىر كېلىدىغان ئۇرۇندىكى يول بۆلىكىدە چۇڭقۇرلۇقى 100 مىتىر كېلىدىغان قىيادىن چۈشۈپ كەتكەن، نۆۋەتتە ھادىسىدە 1 ئادەم قازا قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا 4 نەپەر ياردار شۈنياڭ ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جىددىي قۇتقۇزىلىۋېتىپتۇ.