چاغاندا ئالتۇننىڭ باھاسى چۈشتى

300 2013-02-20 10:52:52   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە ، خەلقئارادىكى ئالتۇننىڭ باھاسى نۇرغۇن يىللاردىن بۇيانقى ھەر يىلى چاغان مەزگىلىدە ئۆسۈپ كېتىشتەك ‹‹ ئادەت ››نى بۇزۇپ تاشلاپ ، ئىزچىل چۈشۈشكە باشلىدى ، بۇنىڭ تەسىرىدە، دۆلىتىمىز بازارلىرىدىكى ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ باھاسىمۇ تۆۋەنلىدى ، بۇنىڭغا ماس ھالدا ، ئۈرۈمچىدىمۇ ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بازارلىرى قىزىپ كەتتى .

   17-فېۋرال ياتەي مال سېتىۋېلىش مەركىزىدىكى ئالتۇن دۇكىنىنىڭ خوجايىنى : بۈگۈن دۇكىنىمىزدا ئالتۇننىڭ گىرامى 359 يۈەن بولۇپ ، بايرامنىڭ ئالدىدىكى 389 يۈەندىن نەق 30 يۈەن چۈشتى ، دېدى  .

   ئىگىلىنىشىچە ، ياۋرو ئىشلىتىدىغان رايونلار ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىشى ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ ، ئالدىنقى ھەپتە خەلقئارادا ئالتۇننىڭ باھاسى %3.53 چۈشكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博