شى جىنپىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇما بىلەن كۆرۈشتى

1472013-02-18 11:44:42   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

17-فېۋرال، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى زۇما بىلەن كۆرۈشتى

 
 
   شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئافرىقا ئۈمىدكە تولغان چوڭ قۇرۇقلۇق، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن، دۇنيانىڭ تىنچ-مۇقىملىقىنى قوغداشقىمۇ پايدىلىق. جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىل تەرەققىي قىلىشى ۋە بىرلىشىپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشىنى قوللايدۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ماس تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، بىز ئافرىقىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا باشتىن-ئاخىر ئۈمىد بىلەن قارايمىز. ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى ـــ جۇڭگونىڭ پۇرسىتى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىمۇ ئافرىقىنىڭ پۇرسىتى، جۇڭگو-ئافرىقا ئورتاق تەرەققىياتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىر پۈتۈن ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ۋەزىيەت مەيلى قانداق ئۆزگەرمىسۇن، جۇڭگو ھامان ئافرىقا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە سەمىمىي ھەمراھى بولىدۇ، ئافرىقا ئىتتىپاقىنى باشتىن-ئاياغ ئىشىنىشكە بولىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ دەپ قارايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى 5-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ تۈرلۈك نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ماسلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىدىغان ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقىدىكى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى، شۇنداقلا زور خەلقئارالىق مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
 
   زۇما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئافرىقا دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقىغا ۋە ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. جۇڭگو ئافرىقىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە سىجىل تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكار ھەمراھىدۇر. ئافرىقا دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەت تەجرىبىلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ، تەرەققىيات پىلانى، يېزا ئىگىلىكى، كاسىپچىلىق، پەن-تېخنىكا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئادەم كۈچى مەنبەسى تەربىيەلىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە قويۇق ئالاقە ماسلىقىنى ساقلايدۇ. ئافرىقا ئىتتىپاقى جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم بېسىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.