شىنخۇا تورى كابۇل 13-فېۋرال تېلېگراممىسى: ئاففانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى 13-فېۋرال ئاففانىستان بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىر يىل ئىچىدە ئاففانىستاندىن 34 مىڭ ئەسكىرىنى چېكىندۈرگەندىن كېيىنكى ئاففانىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى كونترول قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئاففانىستان دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھاكىمى شۇ كۈنى ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنداق دېگەن: ئاففانىستان تەرەپ ئامېرىكىنىڭ 2013-يىلدىكى ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانىنى قوللايدۇ، ئاففانىستان بىخەتەرلىك قىسمى ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولدى، ئۇلار ئامېرىكا تەرەپ 34 مىڭ ئەسكەرنى چېكىندۈرگەندىن كېيىنكى بوشلۇقنى تولۇقلايدۇ. ئاففانىستان بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ ئاففانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ساقلاشقا بولغان ئىشەنچىسى كۈچلۈك.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 12-فېۋرال دۆلەت ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىدا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ بىر يىل ئىچىدە ئاففانىستاندىن 34 مىڭ ئەسكىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
نۆۋەتتە، ئاففانىستاندا تۇرۇۋاتقان خەلقئارالىق ياردەم بېرىش قىسمىدا 100 مىڭ ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 66 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى بار ئىكەن. ش ئا ئە ت ۋە ئاففانىستاننىڭ پىلانىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدىن بۇرۇن، ئاففانىستان بىخەتەرلىك قىسمىنىڭ ئەسكەر سانى 35 مىڭ 200 گە يېتىدىكەن.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...