جۇڭگو ئاخبارات تورى 4- يانىۋار تېلگراممىسى . روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە ، ئالدىنقى يىلى 10- ئايدا تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ يارلانغان پاكىستانلىق ھوقوقنى قوغداش تەرەپتارى مالالا .يۇسۇف ئەنگلىيەBirmingham شەھىرىدىكى ئېلزابىت ئايال پادىشاھ دوختۇرخانىسىدىن داۋالىنىپ چىقتى.
بۇ قىز مىكرو بىلوگدا تالىباننى تەنقىد قىلىپ ، قىزلارنىڭ بىلىم ئېلىش ۋە تەربىيلىنىش ھوقوقىنى قوغداش تەرەپتارى 15 ياشلىق قىز مالالا 10- ئاينىڭ 9- كۈنى مەكتەپتىن ئۆيىگە قايتىش يولىدا تالىبان قۇراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، بېشىغا بىر پاي ئوق تەگكەن . بەخىتكە يارىشا ھايات قالغان .
مالالا ۋە ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى West Midlands دىكى ۋاقىتلىق تۇرالغۇدا تۇرۇپ مالالانىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى كۈتكەن . بىر قانچە ھەپتە بۇرۇن دوختۇرلار مالالاغا شەكىل تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدى .
مالالا 11 ياش ۋاقتىدىن باشلاپ مىكرو بىلوگدا ئۆز كۆز قارىشىنى يېزىشقا باشلىغان ، ئۇ ئىسىم ئۆزگەرتىپ ماقالە ئېلان قىلغان بولسمۇ ، لېكىن تالىبان مالالانى قەيسەرلىكى بىلەن دۆلەتنىڭ مۇكاپاتىغا ھەمدە خەلقئارالىق بالىلار ۋە تېنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىدىن ئۇنىڭ ئەسلى سالايھىتىنى ئاشكارلاپ چىققان .
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...