تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان 13 ياشلىق قىز تۇنجى قېتىم ئېكرانغا چىقتى

617 2013-02-05 16:22:13   جۇڭگو ئاخبارات تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
  چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە ، تالىباننىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئېغىر يارلانغان پاكىستانلىق 13 ياشلىق قىز مالالا يېقىندا يەنە بىر قېتىم ئوپراتسىيەنى قۇبۇل قىلغان . يارلانغاندىن كېيىنكى مالالا تۇنجى قېتىم ئېكرانغا چىقىپ سۆز قىلىپ ، پاكسىتاندىكى ھەر بىر قىزنىڭ مائارىپنىڭ تەربىيلىنىش ھوقوقىدىن بەھرىمان بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .ئۇ يەنە " ئاللانىڭ ماڭا يەنە بىر قېتىم ھاياتلىق بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن " دىگەن . ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتقان بولۇپ ،پات ئارىدا تەكتۈكۈس ساقىيىپ كىتىدىكەن .ئۇ يەنە ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگەن ھەر بىر ئادەمگە رەھمەت ئېيتقان ھەمدە قەسەم بېرىپ " ھەر بىر تېنىقىم ئاياللار ھوقوقىنى قوغداش ئۈچۈن " دىگەن .

  جۇڭگو ئاخبارات تورى 1- فېۋرالدىكى خەۋىرىدە . تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان پاكسىتانلىق قىز مالالا ئەنگلىيە بېرمىنخامدىكى دوختۇرخانىدا يەنە بىر قېتىم ئوپراتىسىيەنى قۇبۇل قىلماقچى بولدى ، دوختۇر ئۇنىڭ مېڭىسىگە بىر خىل ئالاھىدە ياسالغان تىتان مىتال تاختىدىن ياسالغان نىپىز بۇيۇمنى سېلىپ ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىدىن ساقلىماقچى بولدى . بۇ نەرسە ئۇنىڭ مېڭىسىنى قوغداش ئىقتىدارىغا ئىگە ؛

 خەۋەردە دىيلىشىچە ، بۇ قېتىمقى ئوپراتسىيە كەلگۈسى 10 كۈن ئىچىدە داۋام قىلىدىكەن . دوختۇر بۇ قېتىم مالالانىڭ مېڭىسىگە نېپىز تىتان مىتال بۇيۇمدىن ياسالغام ياپراقنى سېلىشتىن باشقا يەنە بىر دانە ئىلكتىرونلۇق ياردەمچى تىڭشىغۇچنى سېلىپ يارلانغان سول قۇلىقىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن .ئىگىلىنىشىچە ، 2012- يىلى 9- ئايدا مالالا مەكتەپ ئاپتوبوسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا ، 3 نەپەر تالىبان قۇراللىق ئۇنسۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ باش قىسىمى ئېغىر يارلانغان . مالالا يارلانغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن پىشاۋور دوختۇرخاسىغا ئېلىپ بېرىلغان . كېيىن مالالا ئەنگلىيە بېرمىنخان دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەن .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博