ئونۋېرسال شىنخۇا ئاگىنتلىقى خەۋىرىدە ،ئامېرىكا AEROSشىركىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭسەيسى ياۋشيەنىنىڭ 5-چىسلا دېيىشىچە يېڭى تىپتىلىكى تىك ئۇچۇپ چۈشىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر يۈك دىرژابلى Aeroscraftبۇ يىل يازدا تۇنجى قېتىم ئىسكىلات سىرتىدا سىناق تەرەقىسىدە ئۇچۇرىلىدىكەن
<دەرىجىدىن تاشقىرى دىرژابل>Aeroscraftنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 70مېتىر بولۇپ پولۇئېستىرلىق سىرتقى پەردىسى بىلەن ئورالغان ،رامكىسى ئىنتايىن يېنىك بولغان كاربونلۇق تالا ۋە ئاليۇمىندىن ياسالغان بولۇپ زور مىقداردىكى يۈك باسالايدىكەن ھەم ھەر خىل مۇرەككەپ ھاۋارايى شارائىتىدا تىك ئۇچۇپ چۈشەلەيدىكەن ،يەنە كېلىپ ماي خورىتىشىمۇ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن ،ئۇ گېلى گازى قويۇپ بېرىپ يوقىرىغا ئۆرلەپ ،گېلى گازى سۈمۈرۈپ تۆۋەنگە چۈشىدىغان بولۇپ سۇ ئاستى كېمىسى بىلەن ئوخشاش ئىكەن .
Aeroscraft نى Aerosئاۋئاتسىيە شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ ئۈنۈملۈك يۈك كۆتۈرۈش مىقدارى 66توننا ئىكەن ،ھازىرقى ئەڭ چوڭ يۈك كۆتۈرۈش ماشىنىسىنىڭ 3ھەسىسى ئىكەن ،لېكىن سەرىپ قىلغان يىقىلغۇسى كېيىنكىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭ ئىكەن . دىرژابلنىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى 5500مېتىر بولۇپ سۈرئىتى 120بۇغۇم ئىكەن .ئۈنۈملۈك مۇساپىسى 6000كىلومېتىر بولۇپ ئەڭ مۇھىم بولغىنى Aeroscraft تىك ئۇچۇپ چۈشەلەيدىكەن .ئۇ مەخسۇس ئۇچۇش يولىغا ۋە يەردىكى مۇلازىمەت خادىملىرىغا ئېھتىياجلىق ئەمەس ئىكەن ،شۇڭلاشقا كەلگۈسىدە پۈتۈن ئاۋئاتسىيە تىرانسىپورتىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن ،زور مىقداردىكى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بويۇملىرىنى بىۋاستە يىراق چەت رايونلارغا يەتكۈزەلەيدىكەن .ئۇ يەنە تانكا قاتارلىق ئېغىر ھەربىي ئىشلىرى ئەسلىھەلىرىنى توشۇشقا ئىشلىتىلىشى مۇمكىن ئىكەن
ئامېرىكا 35مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغنى بۇ ئەسلى نۇسخىدىكى ماشىشىنىڭ تەتقىقاتى ئۈچۈن ئاجراتقان .خەۋەرگە قارىغاندا تۇنجى يۈرۈش Aeroscraft دىرژابلى 3يىل ئىچىدە ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇلىشى مۆلچەرلەنگەن
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...