جۇڭگودىكى بايلار تىزىملىكىدىكى %17ئادەم ھازىر تەكشۈرۈلمەكتە ياكى قولغا ئېلىنغان

10612013-02-07 11:06:11   huanqiu.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   ئامېرىكا ئىقتىساد تورى نىڭ 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئامېرىكا تور بېكىتى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە جۇڭگودىكى <بىر قىسىم ئەڭ باي كىشىلەر>يېقىندا <ئاۋارچىلىققا >ئۇچۇرغاندەك قىلاتتى ،بىر قىسىم كىشىلەر تەكشۈرۈشكە ياكى قولغا ئېلىنىشقا ئۇچىرغان ،يەنە بىر قىسىم كىشىلەر يوقىرى زور مىقداردىكى مال دۇنياسىدىن ئايرىلىپ قالغان .دوكىلاتتا يەنە تىزىملىكتىكى بايلارنىڭ ئىچىدە %17ئادەم تەكشۈرۈلگەن ياكى قولغان ئېلىنغان دېگەن .

  دوكىلاتتا دېيىلىشىچە جۇڭگودا مىلياردېر بايلارنىڭ سانى يېقىنقى يىللاردىن بويان جىددىي ئۆرلىگەن بولۇپ خەلىق پۇلى بويىچە ھېسابلىغاندا 6يىل ئىچىدە جۇڭگودا مىلياردېرلانىڭ سانى 15نەپەردىن 250نەپەرگە يەتكەن،بۇ رەتكە تىزىش بولسا ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق بولغان مال دۇنياسىغا قاراپ تىزىلغان ئىكەن .مىلياردېرلانىڭ ئورنى ئادەتتە ئاسانلىقچە ئۆزگەرمەيدىغان بولۇپ قىسقا مۇددەت ئىچىدە نەچچە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى يوقىتىش ئاسان ئىش ئەمەس ،لېكىن جۇڭگو مىلياردېرلىرىنىڭ بايلىقىنىڭ ئازلاش سۈرئىتى ئۇلارنىڭ پۇل تېپىش سۈرئىتىگە ئوخشاش تېز بولغان دېگەن

  بۇ دوكىلات خۇرۇن جۇڭگو بايلار تىزىملىكى دوكىلاتى ئاساسىدا ئېيتىلغان بولۇپ بۇرۇن تىزىملىككە چىققان كىشىلەر ئىچىدە %17ئادەم ھازىر تەكشۈرۈلمەكتە ياكى ھەر خىل جىنايى ھەركەتلەر سەۋەپلىك قولغا ئېلىنغان،بىر قىسىم كىشىلەر ھەتتا جىنايى جازاغا تارتىلغان دېگەن .دوكلاتتا يەنە مىسالغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن ئۆي مۈلۈك چوڭ بېيى جۇجېڭيى بايلار تىزىملىكىدە 11-ئورۇندا ئىدى ،لېكىن ئاخىرىدا ئۆي مۈلۈك ئېغۋاگەرچىلىكىگە پېتىپ قالغان .2006-يىلى بېيجىڭ جىيەۋۇ گوروھى باش لىدىرى جاڭيۈەنباۋ تەھتىد سېلىش ،قاقتى سوقتا قىلشىقا ئۇچرىغاندلىقتىن ئادەم ياللاپ قاتىللىق قىلغان دېگەن

  خەۋەرگە قارىغاندا جۇڭگو بايلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىكى سەۋەپ شۇ يەرنىڭ سودا مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن ،بىر قىسىم مالىيە جىنايەتلىرىمۇ بىر قەدەر ئېغىر .دوكىلاتتا يەنە مۇقىم بولمىغان مالىيە ئەھۋلى بايلارغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن بەلكىم جۇڭگو زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرى باش كۆتۈرگەن بازارغا ئايلىنىپ قالغان ،بىر قىسىم ئوتتۇرا تەبىقىدىكىلەر ئىسراپچىلىق مەدەنىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرغان دېگەن .