ۋاشىنگتوندا ياغلىق ئارتقان سىرلىق ئايال بىر كۈندە ئىككى بانكىنى بۇلىدى

949 2013-02-06 11:02:32   xinhuanet.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   رېيتىر ئاگنېتلىقى 5- فېۋرال خەۋىرى : شۇ يەر ۋاقتى 4- فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ، بېشىغا قارا ياغلىق ئارتقان ، قارا كۆزەينەك تاقىغان ، ئاق رەڭلىك سېتكا توپ ئايىقى كىيگەن ئايال 15 مىنۇت ئىچىدە پايتەختى ۋاشىنگىتوندا ئىككى بانكىنى بۇلىغان .

  ئامېرىكا فېدراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى مۇنداق دىدى :" بۇ ئايال چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:13 ئۆتكەندە ۋاشىنگىتوننىڭ شىمالىدىكى PNC بانكىسىدا بانكا خىزمەتچى خادىمىنىغا بىر پارچە " پۇل چىقار " دىگەن خەتنى بەرگەن ھەمدە يېنىدا قۇرال بار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تەھتىد سالغان ، خىزمەتچى خادىم قورقۇپ كېتىپ بۇ ئايالغا پۇل بەرگەن . ئارلىقتىن 15 مىنۇت ئۆتۈپ ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:28 دە ، ئۇ ئايال ۋاشىنگتوننىڭ غەربى شىمالىدىكى ئامېرىكا بانكىسى " Bank of America Corp " كىرىپ ئوخشاش ئۇسۇلدا خىزمەتچى خادىمدىن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا پۇلنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەن .

  فىدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ئايالنىڭ قانچە پۇل بۇلىغانلىقىنى ئاشكارلىمىدى . ئىگىلىنىشىچە بۇ ئايالنى لاتىن ئامېرىكىلىق ئايال دەپ پەرەز قىلغان چۈنكى بۇ ئايال ئۇزۇن چاچ قۇيىۋالغان . بۇ ئايال قارا پەلەي ، قارا كۆزەينەك ، قارا ياغلىق ۋە قارا ئىشتان كىيگەن بولۇپ ، بىر قاراپ سالايھىتىنى ئاشكارلاش تەسكە چۈشكەن ؛

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博