ئەنگلىيە "ھەر كۈن پوچتا گېزىتى"2-ئاينىڭ4-كۈنىدىكى خەۋرىدە،2-ئاينىڭ2-كۈنى ئەتىگەندە،ئامېرىكا فلورىد شىتاتىدىكى ئىسمى Isidro Zavala بولغان بىر ئەر،ئايالىنىڭ ئالدىدا ئىككى ئون ياشقا كىرگەن ئوغلىنى بۇغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان ھەمدە ئارقىدىن ئۆزىنى تاپانچە بىلەن ئۆلتۈرۋالغان.
ئايالىنىڭ دېيىشىچە،ئۇنىڭ بىلەن idro Zavala ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئاجىرىپ كېتىش داۋاسى بولۇۋتقان ئىكەن،Isidro Zavala شۇ ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا ئوغلىنىڭ باشقىلار تەرپىدىن ئۆلتۈرۋەتكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرسىتىپ بىر ئۆمۈر ئازاپتا قويغۇزىدىغانلىقىنى دېگەن.
Isidro Zavalaنىڭ چوڭ ئوغلى Manny Zavala بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن دېيىشىچە،ئۇنىڭ دادىسى ئەزەلدىن شۇنداق تىرىشىپ خىزمەت قىلىدىكەن،ئورۇنسىز ئاچىغلانمايدىكەن،ھەمدە ئاپىسىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدىغان ئىشلارنىمۇ قىلىپ باقمىغان ئىكەن. بۇ ئىش يۈز بېرىشتىن نەچچە سائەت بۇرۇن،ئۇنىڭ بىلەن دادىسى بىرگە مۇسابىقە كۆرۈشكە پۈتۈشىپ قويغانلىقىنى، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ھېچقانداق غەلىتىلىكنى ھېس قىلمىغان،ئۇ دادىسىنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلىدىغىنى زادى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئېيتى.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...