20مىڭ يۈەن ئۈچۈن 5ئادەمنى ئۆلتۈرگەن جىنايەت گۇماندارى تۇتۇلدى

762013-02-05 16:31:48   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   2013-يىلى 2- ئاينىڭ 3- كۈنى ئەتىگەندە ، چاڭشۇ شەھىرى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى ئاممىنىڭ دىلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى . چاڭشۇ شەھىرى يۈشەن بازىرى يەنلى يېڭى كەنتىدە بىر قېتىملىق بىرلا ۋاقىتتا 5 ئادەمنى ئۆلتۈرۈشتەك ۋەھشىي قاتىللىق دىلوسى يۈز بەردى .

   جۇڭگو ئاخبارات تورى نەنجىڭ 3- فېۋرال تېلگراممىسى . 2013-يىلى 2- ئاينىڭ 3- كۈنى ئەتىگەندە ، چاڭشۇ شەھىرى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى ئاممىدىن كەلگەن دىلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى . چاڭشۇ شەھىرى يۈشەن بازىرى يەنلى يېڭى كەنتىدە قاتىلىلىق دىلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، 7 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ، جىنايەت گۇماندارى 24 ياشلىق ۋاڭ فامىللىك قولغا ئېلىندى .

   ئىگىلىنىشچە ، دىلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ، سۇجۇ ، چاڭشۇ ئىككى دەرىجىلىك ھۈكۈمەت بۇ دىلوغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەندىن كېيىن ، جىياڭسۇ جامائەت خەۋىپسىزلىكى نازارىتى ، سۇجۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسزلىكى ، چاڭشۇ شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى قاتارلىق ئۈچ دەرىجىلىك ئورگان بۇ دىلوغا مەخسوس چارلاش ۋە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ تېز سۈرئەتتە چارلاش ھەم توسۇپ زەربە بېرىش ئارقىلىق ، جىنايەت گۇماندارنى 7 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتىلا قولغا ئالدى .

   سۇجۇ شىياڭچېڭ رايۇنى ساقچىلىرى جىنايەت گۇماندارى ۋاڭ فامىللىكنى ھەمدە 20 مىڭ يۈەن نەق پۇلىنى قولغا چۈشۈردى . دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، جىنايەت گۇماندارى ۋاڭ فامىللىك 2- فېۋرال كەچ باشقۇرغۇچىسى يەنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جى فامىللىكنىڭ باشقىلار قايتۇرۇپ بەرگەن 20 مىڭ يۈەن نەق پۇلغا ئېرىشكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، ئىچىگە " جىن چۈشۈپ " جى فامىللىكنىڭ ئۆيىگە پىچاق كۈتۈرۈپ بېرىپ بەش ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ 20 مىڭ يۈەن نەق پۇلنى بۇلاپ كەتكەن .

   ئەتراپتىكى خوشنىلارنىڭ ئاشكارلىشىچە ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئىچىدە جى فامىللىك ئايال خۇجايىن ۋە ئۇلارنىڭ ئۈچ بالىسى بولۇپ ، ئەڭ كىچىك قىزىمۇ ئاران بىر ياشقا كىرگەن . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 27 ياشلىق ئىشلەمچى ئايال قاتارلىق بەش ئادەمنى ئۆلتۈرۋەتكەن . زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغۇچى جى فامىللىك ئايال ۋە ئۇنىڭ ئېرى 4 يىل بۇرۇن خېنەندىن چاڭشۇ موچېڭغا كەلگەن . بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن كىيىم - كېچەك تىكىش ئورنى قۇرغان بولۇپ ، ھالى كۈنى بارغانسىرى ياخشىلىنىشقا باشلىغان . دىلو يۈز بەرگەن كۈنى ئېرى خىزمەت ئىشى بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولۇپ ، بىر قېتىملىق پاجىئە يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىدى . جىنايەت گۇماندارى ۋاڭ فامىللىك جى فامىللىك ئايالغا ياللىنىپ ئىشلەيدىغان شوپۇر بولۇپ ، ئۆينىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغاچقا ، 20 مىڭ يۈەن ئۈچۈن جىنايەت قارا قۇلىنى " سۇنغان " .