تايلاندنىڭ جەنوبىدىكى بېيدانىيەن ۋىلايىتى بىلەن تاۋگۇڭ ۋىلايىتىدە 17- يانۋار چۈشتىن بۇرۇن 3 قېتىم قۇراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، ئىككى ئادەم قۇراللىق ئېتىشىشىتا قازا قىلدى ، ئۈچ ئادەم يارلاندى .
ئاخبارات ۋاسىتلىرنىڭ خەۋىرىدە تاۋگۇڭ ۋىلايىتى ساقچى تەرەپنىڭ باياناتىدا دىيىلىشىچە ، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7:30 ئەتراپىدا ، ئوقۇغۇچىلارنى سېلىپ ماڭغان پىكا ئاپتوموبىلى قۇراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ قۇراللىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، ئاپتوموبىل شوپۇرى نەق مەيداندا قازا قىلغان .
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، بېيدانىيەن ۋىلايىتىدە 17- يانىۋار ئىككى قېتىم قۇراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن . 1- قېتىمىلىق قۇراللىق ئېتىشىش 17- يانىۋار ئەتىگەندە يۈز بەرگەن بولۇپ ، 78 ياشلىق مۇسۇلمان بوۋاينىڭ بېشىغا ئوق تىگىپ قازا قىلغان . سائەت 10 لار ئەتراپىدا 3 نەپەر ئەخلەت توشۇشقا مەسئول 3 نەپەر ئىشچى ئەخلەت توشۇش جەريانىدا ئىككى نەپەر موتسىكىلىت مىنگەن ئەر تەرپىدىن ئوققا تۇتۇلغا ، بۇ ئۈچ نەپەر ئىشچىنىڭ باش ، ئوڭ مۈرىسى ۋە سول مۈرىسى يارلانغان .ساقچى تەرەپنىڭ قارىشىچە ،ئۆكتىچى قۇراللىق ئۇنسۇرلار بۇ ئۈچ قېتىمقى قۇراللىق ئېتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ پەرەز قىلدى .
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...