ئەنگلىيەلىك ئايال ئۆز سىڭلىسىنىڭ شىركىتدىن 165مىڭ شىركەت پۇلى خىيانەت قىلغانلىقتىن 8 ئاي كېسىلدى

973 2013-01-17 10:46:33   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

ئۆزىنىڭ ئەڭ ئامراق ئاچىسىنىڭ ئوي ئوغرىسى بۇلۇپ قېلىشىنى كىم ئويلىغان دەيسىز؟ئەنگلىيە "ھەر كۇن پوچتا گېزىتى"1-ئاينىڭ14-كۇنىدىكى خەۋەر،56ياشلىق ئەنگلىيەلىك ئايال Deborah Price ئوزىنىڭ سىڭلىسىنىڭ شىركىتىدىكى شىركەت پۇلىدىن جەمىئي16470 فۇندستېرلىڭ(تەخمىنەن 165مىڭ خەلىق پۇلى) بەتخەجلىك بىلەن ساياھەتكە بېرىپ،ئوغلىنى ئامېرىكىدىكى ئالەم ئارا ئۇچۇش ئىدارسىغا ئەكىرىپ قويدى.

 خەۋەردە دېيىلىشىچە،Price بۇرۇن بانكا خادىمى بۇلۇپ،ئاجراشقاندىن كېيىن ئۇچ ئوغلىنى ئوزى يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلغان،ئارقىدىن سىڭلىسىKenis نىڭ ئېلېكتىر شىركىتىگە كىرىپ ھېسابات ئىشلىرىنى باشقۇرغان.2011-يىلى1-ئايدىن2012-يىلى4-ئايغىچە بولغان ئارلىقتا،ئۇ خىزمەت سالاھىيتىدىن پايدىلىنىپ شىركەت پۇلىدىن ئۆزىنىڭ ھېساباتىغا پۇل يۆتكىگەن.بىر قېتىملىق ھېسابات تەكشۈرگەندە،Kenisنىڭ يولدىشىGareth Thomas ھېساباتتا چاتاق بارلىقىنى سەزگەن،ئارقىدىنPrice نىڭ ئالدى-كەينى بۇلۇپ 18 قېتىم شىركەتنىڭ پۇلىنى ئۆزىنىڭ ھېساباتىغا يۆتكىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.

  سوت ئېچىلىپ نېمە ئۈچۈن سىڭلىسىنىڭ شىركەت پۇلىنى ئىشلەتكەنلىكىنى سورغاندا ئۇنىڭ دېيىشىچە:"بۇنداق قىلىش ئوڭاي بولغانلىقى ئۈچۈن"دېگەن.

سوت ئېچىلغاندا، Gareth Thomasنىڭ دېيىشىچە،ئۇلارنىڭ شىركىتىنىڭ ئەزەلدىن قېيىنچىلىقى بار بۇلۇپ،Price نىڭ بۇ ئىشى شىركەتكە قىيىنچىلىق ئۈستىگە قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى دېدى. سىڭلىسىKenis نىڭ دېيىشىچە:"مەن ئەزەلدىن ئۆز ئاچامنىڭ بىزنىڭ پۇلىمىزنى ئوغۇرلا دەپ ئويلىماپتىكەنمەن.مەن ئەڭ ئامراق ئاچام مۇشۇنداق ئىش قىلغىنغا مىنىڭ يۈرۈكۈم ئاغىرۋاتىدۇ."دېگەن. مەلۇم بۇلۇشىچە،Price سەككىز ئاي تۈرمىدە ياتىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博