ئەنگىلىيەلىك دوختۇرلار ئىسپىرىت بىلەن يۈرەك كېسىلى داۋالايدىكەن

373 2013-02-18 10:15:57   تېڭشۈن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيەلىك دوختۇرلار دائىم ئۇچرىمايدىغان بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلى ــ يۇقىرى ساپلىقتىكى ئىسپىرىتنى يۈرەكنىڭ ۋېنا تومۇرىغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يۈرەك كېسىلىنى داۋالايدىكەن.

   77 ياشلىق رونالد ئالدوم، ئەنگىلىيە بۇلىستوردىن كەلگەن، ئۇ يۈرەك تېز سېلىش كېسىلىگە گىرىبتار بولغان، بۇ خىل كېسەل يۈرەك سوقۇشى رېتىمسىز كېسەل بولۇپ، ناۋادا ۋاقتىدا تىزگىنلەنمىسە، جاننى ئالىدۇ.

   مېدىس دوختۇر ناھايىتى كۆپ دائىر قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ بۇ خىل كېسەلنى داۋالاپ باققان، بىراق، ھەممىسىدىلا مەغلۇب بولغان. ئۇلار ئەڭ ئاخىرى ساپلىقى يۇقىرى ئىسپىرىتنى ئىشلىتىپ، يۈرەكنى تىزگىنلەپ تۇرۇپ، ئاندىن شۇ جايدىكى يۈرەك مۇسكۇلىنى ئۆلتۈرگەن.

   بۇ خىل ئىسپىرىت بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى – بىر نەيچىنى قان تومۇرىغا كىرگۈزۈپ، ئاندىن ئىسپىرىتنى يۈرەككە ئاقتۇرۇدىكەن. نەيچە يۈرەكنىڭ كېسەل بولغان جايىنى مۇقىملاشتۇرغان ھامان، ئىسپىرىت يۈرەككە يېتىپ بارىدىكەن. بۇنداق بولغاندا مەسىلە كۆرۈلگەن مۇسكۇل ئۆلۈپ، يۈرەك رېتىمى نورماللىشىدىكەن.

rnrn

بۇ خىل ئاز كۆرۈلۈدىغان داۋالاش ئۇسۇلىنى ئىشلىتىش قېتىم سانى ئەنگىلىيە دۆلەت ئىچىدە ساناقلىقلا ئىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博