غەيرىي ماددىلارنى يېيىشكە خۇمار بولۇپ قالغان ئەنگىلىيەلىك بالا

1333 2013-02-22 10:59:55   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 19-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، جېمىر (غەيرىي ماددىلارنى يېيىش خۇمارى) كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەنگىلىيەلىك ئالتە ياشلىق ئوغۇل بالا Zach Tahir يېڭىلا ئىنتايىن ئالاھىدە بىر تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى ــــ ‹‹يېگىلى بولمايدىغان›› ياتاققا ئېرىشكەن. بۇ ياتاقنىڭ تام يۈزى، ئۆي سايمانلىرى، دېرىزە تەكچىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، زاچنىڭ غاجاپ يېيىشىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالغىلى بولىدىكەن.

   خەۋەر قىلىنىشىچە، زاچ تاش، قەغەز، مۇخ قاتارلىق يېيىشكە بولمايدىغان نەرسىلەرگە ئىنتايىن ئامراق ئىكەن، يەنە ئۇنىڭ ‹‹غەيرىي ماددىلارنى يېيىش خۇمارى›› بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ، ھەتتا تامدىكى گەجلەرنى تاتىلاپ يەيدىغان، پەنجىرىلەرنى غاجايدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرگەن.

   مەخسۇس ئۇنىڭ ئۈچۈن ياسالغان بۇ ياتاق ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۆتكەن بولۇپ، ھېچنېمىسىنى غاجاپ يېگىلى بولمايدىكەن. زاچنىڭ ئانىسى يەنە ياتاققا بىر يېپىق يوللۇق نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئورناتقان بولۇپ، تېلېفون ئارقىلىق خالىغان ۋاقىتتا زاچنىڭ ياتاقتىكى ئەھۋالىنى كۆزىتىپ تۇرالايدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博