چىلىدىلى بىر دورا يەۋالغان ئەر توك مۇنارىغا چىقىپ توك سۇقۇپ ئۆلۈپ قالغان

306 2013-01-16 10:59:38   huanqiu.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
ئەنگلىيە"ھەر كۇن پوچتا گېزىتى"1-ئاينىڭ9-كۇنىدىكى خەۋەر،چىلى سانتىياگودىكى بىر ئەر دورا يېگەندىن كېيىن كابېل مۇنارسىغا چىقىپ يەنە"بوشلۇقتا سېرىك ئۇيۇنى"كۆرسەتكەن.بەخىتكە قارشى بولغىنى،بۇ ئەر يۇقىرى بېسىملىق كابېلغا تېگىپ كېتىپ توك سۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.

بىر توپ بۇلۇپ يېغىلۋالغان ئامىنىڭ تارتقان كۆرۈنۈش چاستوتىدىن بىلىشىمىزچە،بۇ ئەر توك مۇنارىغا چىقىپ تۆمۇر تاياقنى تۇتۋېلىپ ئالدى-كەينىگە پۇلاڭلىغان،ئارقىدىن ئەرنىڭ پۇتى يۇقىرى بېسىملىق كابېلغا تېگىپ كېتىپ توك سۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.ۋەقە يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئوت ئۆچۈرۈش ساقچىلىرى كېلىپ ئۇنىڭغا يېرىم سائەت بۇ خەتەرلىك ھەركىتىنى توختۇتۇشقا نەسىھەت قىلغان،ھەمدە يەرگە يەل كۆپە قويغان.

خەۋەردىن مەلۇم بۇلۇشىچە،بۇ ھادىسە پارتىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇلۇپ،ئەتراپىدىكى ئۆيلەرنىڭ كۆيۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،ھەمدە 500دىن ئارتۇق ئوينىڭ توك توختاپ قېلىش ئەھۋالىغا سەۋەپچى بولغان.شۇ يەردىكى ئامىنىڭ دېيىشىچە،بۇ ئەر بۇرۇن كۆپ قېتىم دورا يەۋاپ توك مۇنارىغا چىقىپ"ئوت ئوينايدىكەن".

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博