ياپونىيەنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسى جۇڭگودا تۇرۇۋاتقان ياپونىيەلىكلەرنى ئاگاھلاندۇردى

1902013-01-16 10:32:44   xinhuanet.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   شىنخۇا ئاگېنىتلىقى خەۋىرى : ياپونىيە ئاخبارات تورىنىڭ 15- يانىۋاردىكى خەۋىرىدە ، يېقىندا جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى بىر قىسىم رايۇنلاردا قۇيۇق تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى ، بۇنىڭ بىلەن ھاۋادىكى PM2.5 قىممىتى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن ، ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى جۇڭگودىكى ياپونىيە كارخانىلىرى ۋە ئورگانلىرىغا ئوقتۇرۇش چىقىرىپ ، ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇۋاتقان پۇقرالىرىنىڭ سىرتقا ئازراق چىقىشىنى ، ئەگەر سىرتقا چىقىش زۆرور بولسا چوقۇم قوغدىنىش تەدبىرلىرى بىلەن چىقىشىنى ئۇقتۇرۇش قىلدى ،بېيجىڭدىكى ياپونىيە مەكتەپلىرىدە پائالىيەتلەرنى توختىتىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىرتقا چىقماسلىققا دەۋەت قىلدى .

  ئىگىلىنشىچە ، بۇ ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ مۇھىم مەسىلىسى توغرىسىدا تۇنجى قېتىم جۇڭگودىكى ياپونىيەلىكلەرگە چىقارغان ئاگاھلاندۇرۇش ئوقتۇرۇشى ھىسابلىنىدىكەن .