ئىراننىڭ نېفىت كىرىمى جازالاش سەۋەبىدىن شىددەت بىلەن تۆۋەنلىگەن

68 2013-01-14 10:51:59   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      ئىراندىكى بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ 7-چېسلا دېيىشىچە، غەربنىڭ جازالىشى تۈپەيلى ئىراننىڭ نېفىت كىرىمى %45 تۆۋەنلەپ كەتكەن. ئىران پارلامېنتىنىڭ پىلان ۋە خام چوت كومىتېتى رەئىسى غۇلام : «ئۆتۈپ كەتكەن 9 ئاينىڭ ئىچىدە، نېفىتنىڭ سېتىش باھاسى %40 تۆۋەنلەپ كەتتى، مۇناسىۋەتلىك باج كىرىمى %45 تۆۋەنلەپ كەتتى» دېگەن. نېفىت ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىگە ئۇچراشتىن باشقا، بانكا ھېسابات ئەھۋالىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى بولسا ئىراندىكى نېفىت كىرىمى تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ ئاساسى سەۋەبى ئىكەن. ئەسلىدە ئىراندىكى نېفىتنىڭ ئېكسپورت كىرىمى بولسا ئىران تاشقى پېرېۋوت ئومۇمى كىرىمىنىڭ %80 نى ئىگىلەيدىكەن. ئىران ئاللىقاچان نېفىت قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى سىناپ بېقىپتۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۆلىمى جازالاشنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپتۇ. نېفىت كىرىمى تۆۋەنلەپ كېتىش كىرىمى تەسىرى بىلەن، ئىران ھۆكۈمىتى پارلامېنتقا ھەل قىلىش چارىسىنى تاپشۇرغان. ئامېرىكا بىرلەشمە پۇل ئامانىتىنىڭ دوكلات قىلىپ دېيىشىچە، بۇ قارار باج كىرىمىنى يۇقىرىلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئىران زۇڭتۇڭى ئەخمەد نىجادنىڭ ئالدىنقى ئايدا دېيىشىچە، جازالاش تەسىرى تۈپەيلى ئىراندىكى نۇرغۇن كۈچلەرنىڭ كۈچى زور دەرىجىدە بېسىمغا ئۇچرىغان، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى كونترول قىلىشقا ئىقتىدارى ناھايىتى تولۇق ئىكەن. ئۇ نۆۋەتتە ئىران قوللانغان ئاساسى ئەھۋاللارنى تىلغا ئالمىغان، يەنى ئۇنى «غەرب دۆلەتلىرىدىن مەخپىي تۇتۇش» ھالىتىدە ئېلىپ بارغان. خەلقئارا ئېنېرگىيە ئورۇنلىرىنىڭ دېيىشىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورت قىممىتى ئۆتكەن يىلى 7-ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە نەچچە يۈز مىليون تۇڭ ئازلاپ كەتكەن. بۇ سانلىق قىممەت بولسا ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا 1 مىليون 740 مىڭ تۇڭ بولغان. ئەمما، خەلقئارا ئېنېرگىيە ئورگانلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئىران نېفىتنىڭ ئېكسپورت قىممىتى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا يۇقىرىلاپ كۈندىلىك ئومۇمى نېفىت ئومۇمى مىقدارى 1 مىليون 300 مىڭ تۇڭ بولغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، كەسىپ ئىچىدىكى خادىملارنىڭ تەھلىل قىلىنغان ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتى ئەسلىگە كېلىپ كۈندىلىك نېفىت ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى مىقدارى 1 مىليون 500 مىڭ تۇڭ بولىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博