شەھەرلىك رادىيو-تېلۋىزىيە ئىدارىسى رادىيو-كىنو ئاممىۋى مۇلازىمەت باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇجۈنبونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە،ھەقسىز كىنو قۇيۇش ئارقىلىق تېخىمو كۆپ شەھەر ئائىلىسىگەنەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن،بۇ يىل23كىنو قۇيۇش لاپىسى كىرگۈزۈلگەن.بۇلار ھەر قايسى رايون(ناھىيە)لاردىكى مەھەللە جامائەت پاراۋانلىقى كىنو قۇيۇشنى باشقۇرۇش مەركىزىگە يەتكۈزۇلگەن بۇلۇپ،ئاۋۋال كىنو قۇيۇش شارائىتى ھازىرلانمىغان مەكتەپ ۋە شەھەر ئەتراپى رايونلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىلىدىكەن.ئىگىلىنىشىچە،بۇ"كۆچمە كىنوخانا"غا500دىن 700گىچە ئادەم سىغىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەھەللە جامائەت پاراۋانلىقى كىنو قۇيۇش قۇرۇلۇشى2010-يىلى سېنتەبىردە رەسمىي باشلانغان بۇلۇپ،ئاھالىلار ئويىنىڭ ئالدىدا ھەقسىز كىنو كۆرەلەيدىغان بولغان.
ئىككى يىلدىن بۇيان17مىڭ مەيداندىن كۆپرەك كىنو قويۇلۇپ،كىنو كۆرگەنلەرنىڭ سانى3مىليون ئادەم(قېتىم)گە يەتكەن.ئىگىلىنىشىچە،بۇ يىل يېڭى يىلدىن چاغانغىچە شەھىرىمىز270مەيداندىن ئارتۇق ھەر تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرنى قانات يايدۇرىدىكەن."مەھەللە جامائەت پاراۋانلىقى كىنو قۇيۇش قۇرۇلۇشى"مۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر ئىكەن.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...