يەر شارى تورىنىڭ 10-يانۋار خەۋىرى: روسىيە ئاخبارات ئاگېتلىقى ۋە روسىيە ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات ئىدارىسى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا جۇڭگولۇق قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى بىلەن يەرلىك ئامما كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، 20 نەچچە ئادەم يارىدار بولغان، يارىدارلارنىڭ 18 نەپىرى جۇڭگولۇق ئىكەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇزگان رايونىنىڭ كۇرشاب كەنتىدە 1-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، جۇڭگولۇق قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى بىلەن يەرلىك ئامما توپلىشىپ ئۇرۇشۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. يەرلىك ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇچۇرىدا دېيىلىشىچە، جۇڭگو پۇقرالىرى يانفۇن ئوغرىلىدى دەپ گۇمان قىلغان يەرلىك بىر كىشىنى قانۇنسىز تۇتۇپ قالغان ھەمدە ئۇنى ئۇرغان. كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ توقۇنۇشىغا ئۆزگىرىپ كەتكەن، ئاز دېگەندە 100 ئادەم توقۇنۇشقا قاتناشقان، 18 جۇڭگو پۇقراسى يارىدار بولغان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ يارىسى ئېغىر بولغانلىقتىن دوختۇرخانىدا داۋالانغان. توپلىشىپ ئۇرۇشۇشتا يەنە نەچچە يەرلىك ئامما ۋە 5 نەپەر ساقچى يارىدار بولغان.
ئىگىلىنىشچە، يەرلىك دائىرىلەر قىرغىزىستان جىنايى ئىشلار قانۇنى (قانۇنسىز تۇتۇش، لۈكچەكلىك قىلمىشى، كەڭ كۆلەملىك مالىمانچىلىق چىقىرىش، ساقچىلارغا زوراۋانلىق ئىشلىتىش)غا ئاساسەن ، جىنايى ئىشلار دېلوسى تۇرغۇزغان. نۆۋەتتە مەزكۇر دېلونى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ. دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، يەرلىكتە ئېنىرگىيە ئەسلىھەسى قۇرۇلۇشى قىلىۋاتقان جۇڭگو شىركىتىنىڭ ئىشچىسى ئەينى چاغدا مەس ھالەتتە ئىكەن.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...