شاڭخەيدە ئاتا - بالا بىرلىشىپ قىزىنىڭ ئاشنىسىنى ئۆلتۈرۋەتتى

3272013-01-11 09:37:15   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    خەلقئارا ئاخبارات لىنيىسى : 9- يانىۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 لار ئەتراپىدا ، شاڭخەي جەنوبى يولى بېيگۇاڭچاڭ بېكىتىنىڭ يېنىدىكى تاشلىۋېتىلگەن تازلىق ئۆيىدىن بىر ئەر جەسىتى تېپىلغان . بۇ ئەر جەنوبى بېكەتنىڭ شەرقى شىمالىدىكى يەر ئاستى قەۋەتتە ئۈچ ئەر تەرىپىدىن پىچاق تىقىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن ، كېيىن 300 مىتىر يىراقلىقتىكى تازلىق ئۆيىگە تاشلىۋېتىلگەن . ئىگىلىنىشچە ، جىنايەت گۇماندارلىرى ئۈچ ئادەم بولۇپ ئاتا - بالا مۇناسىۋىتىدە ، ئۆلگۈچى بولسا قىز بىلەن ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىدە ، ئۆلگۈچىمۇ ئايالى بار ئەر بولۇپ ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا زىددىيەت پەيدا بولۇپ قالغان . ئىككى تەرەپ ھىسىيات جەھەتتىن زىددىيەتلىك قالغاندىن كېيىن ، مانا بۇ پاجىئە كىلىپ چىققان . ھازىر بۇ جىنايەت گۇماندارلىرى تۇتۇلدى .