Devon Epps
Veronica Jones
ئەنگىلىيە " Veronica Jonesكۈندىلىك پوچتا گېزىتى " نىڭ 1-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا San Joaquin ناھىيەسىدىكى سىتاكتۇنلۇق بىر ئەر قىز دوستىنىڭ چىرىپ كەتكەن جەسىتى بىلەن 6 ئاي بىللە تۇرغان، يەنى يېرىم يىل قىز دوستىنىڭ جەسىتىگە ھەمراھ بولغان، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇ باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.
بۇ ئەرنىڭ ئىسمى Devon Epps بۇلۇپ بۇ يىل 37 ياش ئىكەن. 2011-يىلى 12-ئايدا، خۇجىلىق باشقۇرۇش خادىمى Devon Epps نىڭ تۇرالغۇ ئۆيىنىڭ ۋاننىسىدا ئېغىر دەرىجىدە چىرىپ كەتكەن جەسەتنى بايقىغان، تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ جەسەتنىڭ 35 ياشلىق ۋىرونىكا جونىس(Veronica Jones) نىڭ جەسىتى ئىكەنلىكى مۇقۇملاشتۇرۇلغان، ئەينى ۋاقىتتا جونىسنىڭ يۇقاپ كەتكىنىگە 6 ئاي بولغان ئىكەن.
جونىسنىڭ باش قىسمى مىتال بۇيۇمنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچىرىغاندىن كىيىن باسقۇنچىلىققا ئۇچىرىغان، يەنە باشقىلار تەرىپىدىن 32 پىچاق سانجىلغان. ئۇنىڭ جەسىتى ۋاننىنىڭ ئىچىگە يۇشۇرۇپ قۇيۇلغان، يۈز قىسمى ئۇرۇلغانلىقتىن تۇنۇغۇسىز بۇلۇپ كەتكەن. Devon Epps ئولتۇرۇشلۇق بىنانىڭ باشقۇرغۇچىسى Devon Epps نىڭ نىرۋىسىدا چاتاق بارلىقىنى، ھەمدە شۇ سەۋەبتىن بۇ بىنادىن مەجبۇرىي چىقىرىۋىتىلگەنلىكىنى ئېيتقان.
گەرچە جونىسنىڭ يۇقاپ كەتكەنلىك دوكىلاتى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا چىقىرىلغان بولسىمۇ لېكىن ساقچى تەرەپ 7-ئايغا كەلگەندە ئاندىن ئولتۇراق بىناغا كىرىپ تەكشۈرگەن، ھەمدە ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرمىگەن. يەرلىكتىكى سوتچى Devon Epps قا قارىتا روھىي ئەھۋالىنى باھالاش ئېلىپ بېرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن، ئۇ 3-چىسلا سوتقا چىقىپ سوتلانغان.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...