ئامېرىكىدا بىر ئايالنىڭ 15 يىلغىچە بالىلىق بۇلۇش ھوقوقى مەھرۇم قىلىندى

528 2013-01-04 10:04:17   xinhuanet.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    ئەنگلىيە" قۇياش گېزىتى " نىڭ 31- دىكابىردىكى خەۋىرىدە ، ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بىر ئايال ئۆزىنىڭ تۆت بالىسىنى مىھمانخانىنىڭ ياتاق ئۆيىگە قۇيۇپ ، ئۆزى يالغۇز يىغىلىشقا كەتكەن . يەرلىك سوت ، بۇ ئايالنىڭ بالىلىرىنى يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ ئۆزى ئوينىغانلىقى بارغانلىقى " گۇناھى "غا سوت ئۇنىڭغا 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلغان . تۈرمىدە يېتىشتىن ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈن بۇ ئايال ئاخىرى سوتنىڭ 2025- يىلغىچە بالا تۇغۇش ھوقوقىنى ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى ھۈكۈمنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان .

    بالىسى بىلەن كارى بولماي ئوينىغىلى كەتكەن بۇ ئايالنىڭ ئىسمى Kimberly Lightsey بولۇپ ، بۇ يىل 30 ياش . ئۇنىڭ مىھمانخانىغا قۇيۇپ قويغان تۆت بالىسىنىڭ ئەڭ كىچىكى 1 ياش ئەڭ چوڭى 11 ياش بولۇپ ، ئەينى چاغدا بۇ بالىلار يىغلاپ ، ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلغاچقا مىھمانخانىدىكى تام خوشنىلىرى ئامالسىز ساقچىغا دىلو مەلۇم قىلغان . ساقچىلار نەق مەيدانغا كەلگەندە 4 بالىنىڭ ئىچىدە بىر بالىنىڭ ئاغرىقچاق بولۇپ ، چوقۇم ئاپىسى يېنىدىن ئايرىلماي بېقىشغا مۇھتاج ئىكەن .

    Kimberly Lig   سوتنىڭ ھۈكۈمىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ ئەسلىدە يەنە بالىلىق بولۇپ ئارزۇسىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئاشكارلىغان .Kimberly Lig بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ 2009- يىلى بالىلارنى خورلاش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە كىرگەن . شۇڭا ھازىر ئۇنىڭ بالىلىرىنى دوستلىرىنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرۇلدى .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博