جۇڭگو ئاخبارات تورى 24- دىكابىر تېلگراممىسى . ئامېرىكا سىملىق تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تور بەت خەۋىرىدە ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى دېڭىز يىلپىزى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئەترىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئافغانىستاندا قازا قىلغان . ئامېرىكىنىڭ داڭلىق " ئۇزۇن قۇلاق " ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، بۇ ئەمەلدار ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان . دېڭىز ئارمىيىسى ئۈلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە .
42 ياشلىق دېڭىز ئارمىيە قۇماندانى Job W. Price ئامېرىكا پىلسىۋانىيە ئىشتاتى پوتتېس شەھىرىدىن ، ئالدىنقى شەنبە كۈنى دېڭىز ئارمىيە دېڭىز يىلپىزى تۇيۇقسىز زەربە بېرىش 4- تارماق ئەترىتىنىڭ قۇماندانى قىلىپ سايلانغاندىن كېيىن ئۆلگەن . بۇ ئەترەتنىڭ باش شىتابى ئامېرىكا ۋېرگىنىيە ئىشتاتىدىكى ئالاھىدە ھەركەت گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت .ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان " ئۇزۇن قۇلاق " ئەمەلدارنىڭ ئاشكارلىشىچە ، ئامېرىكا ئارمىيىسى Job W. Price ئۈلۈش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان .
بۇ ئەمەلدارنىڭ يەنە ئاشكارلىشىچە ، Job W. Price قازا قىلغانلىقىنى ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە خەۋەر قىلغان بولۇپ ، ئارمىيە تەرەپ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان ياكى باشقا سەۋەب ئىكەنلىكىنى تەكشۈرمەكتە .Job W. Price دەل ۋاقتىدا ئۆزىنى مەلۇم قىلىمغاندىن كېيىن ، باشقا ھەربىيلەر ئۇنى ئىزدەپ ياتىقىغا بارغان . بىراق ئۇنىڭ ياتىقىغا بارغاندا ئۇ ئاللىقاچقان ئۈلۈپ بولغان بولۇپ ، بەدىنىدە ئوق تەككەن يارا ئىزى بار ئىدى .
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ ، Job W. Price نىڭ قۇماندانلىق قىلغان مەزگىلدە ئافغانىستاندىكى 20 دىن ئارتۇق تۇيۇقسىز زەربە بېرىش ئەترەت خادىمى ۋە ئارقا سەپ خادىملىرىغا قۇماندانلىق قىلىپ ئافغانسىتان ئورۇزغان ئۆلكىسىدىكى تىرورلۇققا قارشى ئالاھىدە ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان .
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...