يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى» 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى»دە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن يۈز بەرگەن بولسا، نومۇر خاتىرلەش ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن قائىدىگە خىلاپلىق قىلىنغان بولسا، نومۇر خاتىرلەش يېڭى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، تارقىتىلغان شوپۇرلۇق ماھارەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئىسپاتىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئۈچ يىل بولىدۇ، 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن تارقىتىلغان شوپۇرلۇق ماھارەت ئىمتىھان ئىسپاتى يەنىلا كۈچكە ئىگە، ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغا تەڭشەلىدۇ.