جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېڭ سەنخۇ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي ئافرىقىدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلارنىڭ كۆپ قىسمى قانۇنغا ئەمەل قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەر قېرىنداشلار، ئەمما ئاز بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، جۇڭگولۇق پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزىدىغان جىنايى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، جۇڭگولۇقلار مەھەللىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ساقچىلار جەنۇبى ئافرىقىدىكى قانۇن ئىجراسى تارماقلىرى بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭغا قەتئىي زەربە بېرىدۇ.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلارنى بۇلاش قاتارلىق جىنايى ھەرىكەتلەر بىر قانچە قېتىم يۈز بەردى، بىر قىسىم جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇقلار زور ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىدى. نۆۋەتتە جەنۇبىي ئافرىقىدا تەخمىنەن 300 مىڭ جۇڭگو مۇھاجىرى ۋە جۇڭگولۇق بار.
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...