ھىندىستان بانكىسى كېلەر يىل 3-ئايدا پاكىستاندا تارماق بانكا ئاچىدۇ

0 2012-09-19 11:19:40   intl.ce.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   ھىندىستان بانكىسىنىڭ سىنگاپوردىكى تارماق بانكىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى يېقىندا پاكىستان كاراچى سودا سانائەت ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ھىندىستاندا تارماق بانكا قۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ ، بىراق كونكېرت تەرەققىيات ئەھۋالى ئىككى دۆلەت مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئەھۋالىغا ئاساسەن بولىدۇ ،دېدى . مەزكۇر بانكا ئالدى بىلەن پاكىستاندا سودا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كەسپى بېجىرىشى ، ئاندىن تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن توپ ۋە پارچە بانكا كەسپىنى بېجىرىشنى ئويلىشىدىكەن .

   ئىككى دۆلەت سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ، ھىندىستان پاكىستان ھۆكۈمەتلىرى يېقىندا ئىككى دۆلەت بانكىلىرىنىڭ ئۆز -ئارا قارشى تەرەپ رايونىدا تارماق بانكا قۇرۇشىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ھىندىستان دۆلەتلىك بانكىسى ۋە ھىندىستان بانكىسى باشلامچىلىق قىلىپ پاكىستاندا تارماق بانكا قۇرماقچى بولدى ، پاكىستان خەلق بانكىسى ۋە پاكىستان بىرلەشمە بانكىسىمۇ ھىندىستاندا تارماق بانكا قۇرماقچى بولىۋىتىپتۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博