خەلقئارا ئاخبارات لىنيىسى : ئاۋىستىرالىيە ئاخبارات تورىنىڭ 27- ئاۋغۇست خەۋىرىدە ، بىر ئافرىقىلىق ئەر توگودىن بازېل ئايرودومىغا كەلگەندە ، ئايرودورومدا چىگرا تەكشۈرۈش ساقچىلىرى تەرىپىدىن يۈك تاقىسىدىن ئوغرىلىقچە يۆتكىمەكچى بولغان قارا ئۆمۈلىگۈچى قۇرۇتنى بايقاپ قالغان ؛ بۇ قارا قۇرۇتلارنىڭ ئېغىرلىقى 15 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتكەن ؛
خەۋەردە دىيىلىشىچە ، بۇ ئەرنىڭ ئىسمى Adrian Onobanjo بولۇپ ، 47 ياش ، تەكشۈرۈش خادىملىرى ئۇنىڭ يۈك تاقىسىدىن چىققان قارا يۇمشاق قۇرۇتنى بايقىغاندا ، ئۇ قۇرۇتلارنى مەززە قىلىپ يىيىشكە باشلىغان ؛ ئايرودوروم تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ساقچىلىرى ئۇنىڭ قۇرۇتنى مەززە قىلىپ يىيىشىگە قاراپ قورقۇپ كەتكەن ھەم ئىچى ئېلىشىپ باشقا ياققا قارىۋالغان ؛
چىگرا تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئەمەلدارى Patrick Gantenbein مۇنداق دىدى : بۇ قارا قۇرۇتلار سېسىق پۇراق چىقىرىدىغان قۇرۇق بولۇپ ، تېخى ئۆلمىگەن ، مىدىرلەپ تۇرغان ، بىراق بۇ قۇرۇتلار Adrian Onobanjo نىڭ يىمەكلىلىكى بولغاچقا ، تەكشۈرۈش پونكىتىمۇ ئۇنىڭ بۇ 15 كىلوگىرامغا يېقىن ئۆمۈلىگۈچى قارا قۇرۇتنى ئېلىپ چىگرادىن ئۈتۈشىگە رۇخسەت قىلغان ؛
ئافرىقىلىق ئەر ئايرودورومدا ئۆمىلەيدىغان قارا قۇرۇتنى يەپ ...
ھىندىستاندا ئامما زۇڭلى سىنگىنىڭ ئىستىپا بىرىشىنى تەلەپ قى...
شياڭگاڭدىن نىڭبوغا ئۇچىدىغان ئايروپىلاندىن 46 تال كىسەل يۇق...
تۇنجى بولۇپ ئايغا چىققان ئالەم ئۇچقۇچىسى ئارمىستىراڭ 82 يېشى...
ھىندىستاندا بىرئايال 11 يىلدا 15 قېتىم يالغان توي قىلىپ ئەرلە...
77 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن قاتىل جازا ھۈكۈمىنى ئاڭلاپ كۈلۈمسىرەپ ق...
چېچىنيەدىكى باندىتلار ئاتامانىنىڭ ئوغلى سۇرىيەدە قازا قىلد...
كورىيە سوت مەھكىمىسى‹‹ ئالما سامسۇڭنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇ...